ساغلاملىق

سەۋزىنىڭ شىپالىق رولى

سەۋزىنىڭ توم گۆشلۈك يىلتىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، رەڭگى چىرايلىق، چۈرۈش، شىرنىسى كۆپ، خۇش پۇراقلىق، تەمى تاتلىق بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. سەۋزە ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن كۆپ تەرەپلىمە ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولغاچقا، «كىچىك ئادەمگىياھ» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

سەۋزىنىڭ ئىككى چوڭ ئېكولوگىيىلىك تىپى بار: بىر خىلى ئاسىيا ئېكولوگىيىلىك تىپىدىكى سەۋزە، ئۇنىڭ گۆشلۈك يىلتىزى سىلىندىر شەكىلدىكى بولۇپ، كەسمە تۈزۈلۈشى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزىكى (يەنى ياغاچلاشقان قىسمى) ئىنچىكە، ئېتى يۇمران، ماندارىن قىزىلى رەڭلىك كېلىدۇ. يەنى بىر خىلى ياۋروپا ئېكولوگىيىلىك تىپىدىكى سەۋزە، ئۇنىڭ گۆشلۈك يىلتىزى كونۇس شەكلىدە، ئوتتۇرسىدىكى ئۆزىكى توم، ئېتى قېرىراق، ئاپېلسىن رەڭلىك كېلىدۇ

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

سەۋزە تەركىبىدە مول ۋىتامىن B1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC، ۋىتامىنD، ۋىتامىنE، ۋىتامىنK، ۇپۇرماق كېسلاتاسى ھەمدە فوسفور، كالتسىي قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ ۋىتامىنلىق بىرىكمە تابلېتكىلاردىن قېلىشمايدۇ. ھەر 500 گرام سەۋزە تەركىبىدە 140 گرام فوسفور، 305 گرام كالتسىي بولىدۇ.

سەۋزىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، «يەل ماڭدۇرۇش، دېمى سىقىلىشنى، بەلغەم بوشىتىش، تاماق سىڭدۈرۈش، قورساق ئېسىلىشنى يوقىتى، يەللىك ئاغرىقنى توختىتىش» قاتارلىق رولى بار.

سەۋزە ئورگانىزمنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاش، نامازشام قارىغۇسى كېسىلى ۋە ككز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنى داۋالاش قاتارلىق روللارغا ئىگە.

سەۋزە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار ھەمدە كۆپ خىل ئەزالارنى قوغداش رولى بار.

سەۋزە قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا قارىتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.

سەۋزە تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەمنى قېرىتىۋېتىدىغان ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ يەنە تېرىنى سىلىقلاش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

سەۋزىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگانىزىمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رولى بار.

ئاياللار سەۋزە ئىستېمال قىلىپ بەرسە تۇخۇمدان راكى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. سەۋزىنىڭ خۇش پۇرىقىنىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

سەۋزىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، ئۇنى خام يېسىمۇ، گۆش بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ يېسىمۇ، شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

سەۋزە تەركىبىدە تەسىر كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ۋىتامىنC لاشتۇرغۇچى ئېنزىم بولىدۇ. تاماق تەييارلاش داۋامىدا ئۇ باشقا كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنCنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇ خىل تەسىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ۋە جبەرەنگى قۇيۇۋەتسە بولىدۇ. كاروتىن بىلەن ۋىتامىنA ياغدا ئېرىيدىغان ماددىلاردىن ئىبارەت، شۇڭا سەۋزىنى ياغدا قورۇپ پىشۇرۇپ ياكى گۆش بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

سەۋزىنى ئاق تۇرۇپ بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئاق تۇرۇپ تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، سەۋزىنىڭ تەركىبىدە ئانتىسكوربىك كىسلاتا (ۋىتامىنCنى پارچىلىغۇچى فېرمېنت) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئېنزىم بولىدۇ، ئۇ ئاق تۇرۇپ تەركىبىدىكى ۋىتامىنCنى يوقىتىۋېتىدۇ.

سەۋزىنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. سەۋزە زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا تېرىدىكى پىگمېنىتتا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، تېرىنى سارغايتىۋېتىدۇ.

سەۋزىنى ئىستېمال قىلىشتا پوستىنى سويماسلىق لازىم. سەۋزىنىڭ ئوزۇقلۇق جەۋھەرلىرى سەۋزە پوستىغا مەركەزلەشكەن. مۇتەخەسسىسلەر، سەۋزىنى يۇيىدىغان چاغدا پوستىنى سويماستىن، بوشراق قىرىۋەتسىلا بولىدۇ دەپ ئەسكەرتىدۇ.

سەۋزىنى توغراپ بولۇپ يۇيۇش ياكى ئۇزۇن ۋاقىت سۇغا چىلاپ قويۇش مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇنى قورۇشتا ئاچچىقسۇنى بەك كۆپ قۇيماسلىق كېرەك.

سەۋزە ھاراق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، كۆپ مىقداردىكى كاروتىن ئىسپىرت بىلەن بىللە بەدەنگە كىرىدۇ-دە، جىگەردە زەھەر (توكسىن) پەيدا قىلىپ، جىگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى