ساغلاملىق

يەسىۋىلەكنىڭ شىپالىق رولى

بەسەي (يېسىۋېلەك) كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى، براسسىيە ئۇرۇقدىشىغا تەۋە، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەنە كۈزلۈك بەسەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئېلىمىزدىن چىقىدىغان داڭلىق ئالاھىدە كۆكتات بولۇپ، ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، مەھسۇلاتىنىڭ موللۇقى جەھەتتە ھەرخىل كۆكتاتلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. 

بەسەينىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، مەھسۇلاتى يۇقىرى، يېيىشلىك، ساقلاشقا، توشۇشقا چىداملىق قاتارلىق بىر قاتار ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

بەسەي تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، سىنك قاتارلىقلار بار. 

بەسەي تەركىبىدىكى كالتسىي ۋە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى نەشپۈت ۋە ئالمىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى، سىنكنىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئارىسىدا بارماق بىلەن سانىغىدەك بولۇپلا قالماي، ھەتتا گۆش ۋە تۇخۇمنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. 

بەسەينىڭ بەدەندىكى زەھەر (توكسىن) نى تازىلاش، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، يۆتەل، كېكىردەك ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا: بېلىق ئىسسىق پەيدا قىلىدۇ، گۆش بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، بەسەي، دۇفۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ دېگەن گەپ بار. 

بەسەي سېرىق قوڭۇر داغ، قېرىلىق دېغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. 

بەسەي بىئاراملىقنى تۈگىتىپ، جىددىيلەشكەن نېرۋىنى تەڭشەيدۇ، شۇڭا ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا كۆپرەك بەسەي ئىستېمال قىلىش پايدىلىق. بەسەي ئۈچەينى سىلىقلاپ، زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ھايۋانات ئاقسىلىنى شۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

بەسەي سۈت بېزى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئانىلىق ھورمۇننى پارچىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ئاياللار ھەركۈنى بەسەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ھورمۇن تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار، جۇڭگو ۋە ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنىڭ غەرب ئاياللىرىغا قارىغاندا تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ھەمىشە بەسەي ئىستېمال قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. 

دائىم بەسەي ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ناھايىتى ياخشى تېرە ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بەسەي توغرىغاندا، بويىغا توغراش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندا بەسەي ئوڭاي پىشىدۇ. 

دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق زەھىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەسەينى چوقۇم پاكىز يۇيۇۋېتىپ ئىستېمال قىلىش لازىم؛ تاماق ئېتىشتە بەسەينى دۈملەپ پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش مۇۋاپىق ئەمەس؛ بەسەي قورۇمىسىنى مىس قازان-قۇمۇچتا قورۇماسلىق ۋە ساقلىماسلىق لازىم. 

بەسەينى قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قويۇۋەتسە، ھەم ۋىتامىن C نى ساقلاپ قالغىلى، ھەم بەسەينىڭ تەمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەسەيدىن سوغۇق سەي تەييارلاشتا، ئالدى بىلەن بەسەينى قايناق سۇغا بېسىۋېتىپ، ئاندىن ئازراق ئاچچىقسۇ قويسا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوغداپ قالغىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بەسەيدىكى كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. 

توڭلاپ قالغان بەسەينى ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇماسلىق، ئۇنى سوغۇق سۇغا بىر سائەت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ، توڭى ئېرىگەندىن كېيىن ئاندىن پاكىز يۇيۇپ توغراش كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭدىن كۆكتات شورپىسى تەييارلىماقچى بولغاندا، شورپا قاينىغاندا، كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا ۋىتامىن C نىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، تەمىمۇ ياخشىراق بولىدۇ. 

بەسەيدىن جۇۋاۋا، مانتا ئېتىدىغان چاغدا، بەسەي قىيمىسىنى بەك سىقىۋەتمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلىش ئىلمىي ئەمەس. چۈنكى ۋىتامىن C كۆپىنچە بەسەينىڭ شىرنىسى تەركىبىدە بولىدۇ، بەسەي شىرنىسى پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىۋېتىلسە، بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقىلىپ كېتىدۇ. 

سېسىپ قالغان بەسەينى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم .بەسەينى قورۇغاندىن كېيىن شۇئان ئىستېمال قىلىش لازىم؛پىشۇرۇلغاندىن كېيىن بىر كېچە تۇرۇپ قالغان بەسەينى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم؛ تۇزغا چىلىغان بەسەينى ئوبدان پىشقىچە چىلاش، تۇزدىن ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ تۇزىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن قورۇپ ئىستېمال قىلىش لازىم. سەۋەبى، يېڭى بەسەي تەركىبىدە كۆپ مىقداردا باكتېرىيىسىز نىترات كىسلاتا تۇزى بولىدۇ، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان پىشقان بەسەي ياكى تۇزغا ئوبدان چىلانمىغان بەسەي تەركىبىدىكى نىترات كىسلاتا تۇزى باكتېرىيىنىڭ تەسىرىدە ئوكسىد سىزلىنىپ نىترىت كىسلاتا تۇزىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. 

ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر بەسەي ئىستېمال قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى لازىم. بەسەي ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، ئۇنىڭدىن تەييارلانغان سوغۇق سەينى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم، تېنى ئاجىز، ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر بەسەينى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى