ساغلاملىق

پېدىگەننىڭ شىپالىق رولى

پېدىگەن (چەيزە) ئاز ساندىكى سۆسۈن رەڭدىكى كۆكتاتلارنىڭ بىرى.

ئۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك پېدىگەننىڭ مېۋىسىدۇر.

پېدىگەن ئەسلىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەرەپلەردىن چىقىدىغان بولۇپ، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزگە كىرگۈزۈلگەن، ھازىرغىچە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. پېدىگەن ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئكستۈرۈلىدىغان، كىشىلەر ياقتۇرىدىغان كۆكتات بولۇپ، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ، ناھايىتى يۇقىرى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئېلىمىزدىكى پېدىگەننىڭ تىپى، سورتى كۆپ خىل، شۇڭا ئېلىمىز پېدىگەننىڭ ئىككىنچى مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. ئېلىمىزدە كۆڭ كۆلەمدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان پېدىگەن ئىككى چوڭ تىپقا ئايرىلىدۇ: يۇمىلاق پېدىگەن، ئۇ شىمالدىكى رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ئۇزۇنچاق پېدىگەن، ئۇ ئاساسلىقى جەنۇبتىكى رايونلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

پېدىگەن تەركىبىدە ۋىتامىنP، كالىتسىي، فوسفور قاتارلىقلار بار.

پېدىگەننىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، قېتىپ قالغان قاننى ئېرىتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئۈچەينى كېڭەيتىش رولى بار بولۇپ، بوۋاسىز قاناش، ئىسسىقتىن جاراھەت، چىيقان چىقىش، تېرىنى يارا بېسىش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئىچكى بوۋاسىر سەۋەبىدىن چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىشكە قارىتا ناھايىتى ئوبدان داۋالاش ئۈنۈمى بار.

پېدىگەن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قاندىكى خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان بېسىمنى تەڭشەپ، يۈرەكنى ئاسىرايدۇ.

پېدىگەن ئۇششاق قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ قانىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، قان تۈكۈرۈش، سۆسۈن داغ (تېرە ئاستى قاناش، قان ئۇيۇپ قېلىش) ۋە قان بۇزۇلۇش كېسىلىگە قارىتا مۇئەييەن ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش رولى بار.

پېدىگەننىڭ راك كېسىلىگە قارىتا مۇئەييەن تورمۇزلاش رولى بار، ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سولۇق ئىششىق قاتارلىقلارغىمۇ مۇئەييەن داۋالاش رولى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

پېدىگەننى قورۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، يەنە قۇرۇتۇپ، جبەرەنگىگە چىلاپ ئىستېمال قىلىدىغانلارمۇ بار.

ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، بوغۇم ياللۇغى كېسىلى بارلار پېدىگەن ئىستېمال قىلىشتىنپەرھىز تۇتۇشى لازىم؛ پېدىگەننىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، تېنى ئاجىز، ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

ئوپېراتسىيە قىلىنىشتىن بۇرۇن پېدىگەن ئىستېمال قىلىنسا، ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى نورمال پارچىلىنالماي، بىمارنىڭ ھوشىغا كېلىش ۋاقتى ئارقىغا سۈرۈلۈپ كېتىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ساقىيىش سۈرئىتىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

قېرى پېدىگەن، بولۇپمۇ كۈزنىڭ ئاخىرلىرىدىكى قېرى پېدىگەن تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ مىقداردا سولانىن بولىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق، شۇڭا قېرى پېدىگەننى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى