ساغلاملىق

توشقان گۆشىنى شىپالىق رولى

توشقان ھەرخىل ئوت-چۆپلەرنى يەيدۇ، توشقان گۆشى بولسا بىر خىل يېشىل يېمەكلىك بولۇپ، يۇقىرى ئاقسىللىق، ياغ، خولېستېرول مىقدارى تۆۋەن گۆش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. توشقان گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %70 كە يېتىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى گۆشلەرنىڭكىدىن يۇقىرى، لېكىن ياغ ۋە خولېستېرول مىقدارى بارلىق گۆشلەرنىڭكىدىن تۆۋەن.

توشقان گۆشىنىڭ تەمى مەززىلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئوزۇقلۇق تەكىبلەرمۇ مول ۋە تەتراپلىق. توشقان گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق دورىلىق قىممىتىگە، ئالاھىدە ئىستېمال قىلىش قىممىتىگە ئىگە، كۆڭۈلدىكىدەك ساقلىقنى ساقلاش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، قۇۋۋەت تولۇقلاش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى 

توشقان گۆشى تەركىبىدە نىكوتىن كىسلاتاسى، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

توشقان گۆشى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغدايدۇ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى قوغداپ، ئادەمنىڭ تېرىسىنى يۇمشاق، ئاق قىلىدۇ. شۇڭا ياپونىيە ۋە ياۋروپادا توشقان گۆشى «ھۆسۈن تۈزەش گۆشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاياللار توشقان گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۈزىدىكى قورۇقلارنى ئازايتىدۇ، ئەرلەر توشقان گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.

توشقان گۆشى ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

توشقان گۆشى قان نۆكچىسى شەكىللىنىشىنى توسىدۇ، قان تومۇر دىۋارىنى ئاسرايدۇ، شۇڭا توشقان گۆشى يەنە «ساقلىقنى ساقلايدىغان گۆش» دېيىلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، سېمىزلىك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكىدۇر.

توشقان گۆشى مۇسكۇللارنى تولۇق، ساغلام ۋە قاۋۇل قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىپ زەئىپلىشىپ كېتىشىگە قارشى تۇرىدۇ، ھەم بەدەننى سەمىرتېۋەتمەيدۇ. توشقان گۆشىنىڭ تەبىئىتى شوغۇق بولۇپ، مەنپىيلېكىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، قاننى سوۋۇتۇش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، زەھەرنى قايتۇرۇپ، ئىسسىقنى تۈگىتىش رولى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

توشقان گۆشىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، توشقان گۆشى يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى ياز پەسلىدۇر. قىش ۋە باش ئەتىياز ئادەتتە توشقان گۆشى ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. تال-ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر توشقان گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. ھامىلىدار ئاياللار ۋە ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار، سوغۇقتىن قورقۇش قاتارلىق روشەن مۇسبەتلىك زەئىپلىشىش ئالامىتى بار ئاياللار توشقان گۆشى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

توشقان گۆشىنى سازان بېلىق (كارپ بېلىقى) بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سوزۇلما كانايچە ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ. توشقان گۆشىنى يىلان گۆشى بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، پالەچلىككە شىپا بولىدۇ، توشقان گۆشىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى چىلان بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن زەئىپلىشىشكە شىپا بولىدۇ؛ توشقان گۆشىگە قارىمۇچ سېلىپ پىشۇرۇپ ئسىتېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاننىڭ سوغۇقلۇقنى داۋالايدۇ ھەمدە بەلگىلىك راكقا قارشى تۇرۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى