ساغلاملىق

ئات گۆشى

ئات گۆشى قەدىمدىن ھازىرغىچە بىر خىل ئۈنۈملۈك ئوزۇقلۇق دەپ قاراپ كېلىنمەكتە.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى 

ئات گۆشى تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتسىي، سىنك، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

ئات گۆشى ئىچى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش،جىگەرنى ئاسراپ، قاننى تولۇقلاش، مەنپىيلېكىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، باھنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.

ئات گۆشى سۆڭەك-مۇسكۇللارنى ئۆستۈرىدۇ، بەل، تىزنى كۈچەيتىدۇ، بەدەننى سىلىق، يەڭگىل قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا ياش-ياشانغانلار، سەمرىپ كەتكەنلەر ۋە يۇقىرى قان بېسىم، جىگەر كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئات گۆشى خولېستېرولنى ئېرىتىپ، ئۇنى قان تومۇر دىۋارىغا چۆكەلمەيدىغان قىلىدۇ، شۇڭا ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە رولغا ئىگە.

ئاتنىڭ تۇيىقى ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدۇ، قاننى، ئاق خوننى توختىتىدۇ، يادا تاش كېسەل ئاتنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىدە ياكى دوۋسىقىدا پەيدا بولغان تاش بولۇپ، ئۇ چۆچۈشنى تىنچلاندۇرىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ئاساسلىقى تۇتقاق كېسەل ئەسەبىيلىكى قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ، ئات سۈتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىسسىقنى تۈگىتىدۇ، يەنە دىئابېت كېسىلىنى داۋالايدۇ، ئاتنىڭ ئۇستىخىنى بوغۇم ياللۇغىنى داۋالايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئات گۆشىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئىسسىقلىق ئېشىپ كېتىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، يەنە سۈيدۈك دۇغلىشىش ۋە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئات گۆشىنى دائىم ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ئات گۆشىنى گۈرۈچ، زەنجىۋىل قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.

ھامىلىدار ئاياللار ئات گۆشى ئىستېمال قىلسا، تۇغۇتىنى كېچىكتۈرۈپ، قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ئاتنىڭ جىگىرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى