ساغلاملىق

توخو گۆشىنىڭ شىپالىق رولى

توخو گۆشى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك بولۇپ، ئۇ قورۇپ، شورپا تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىپلا قالماي، يەنە كاۋاپ قىلىپ، سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

توخو گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، خەلق ئارىسىدا «ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان ئېسىل دورا» دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، قىش پەسلىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى كۆپرەك بولىدۇ، قىش پەسلىدە دائىم توخو گۆشى ئىستېمال قىلىشپ قۇۋۋەت تولۇقلاپ تۇرسا، سوغۇقتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا مۇداپىئەلەنگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كېلەر يىلىدىكى سالامەتلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

توخونى تۇخۇم توخوسى، گۆش توخوسى ۋە ئىككى خىل ئىشلىتىلىدىغان توخودىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقىنى ئادەتتە پۈتۈنلەي سۈنئىي يول بىلەن تاللاپ يېتىشتۈرۈلۈپ، بېقىپ كۆپەيتىلگەن توخولار بولۇپ، ياۋا سورتلىرىنى تاپماق ئىنتايىن تەس.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى 

توخو گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنB12، فوسفور قاتارلىقلار بار.

توخو گۆشىنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان شۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنىلىدۇ، ئۇنىڭ بەدەن كۈچىنى كۈچەيتىش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.

توخو گۆشى ئىچكى ئەزالارنى مۆتىدىللەشتۈرۈپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ئۇرۇقنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، يىلىكنى تولۇقلاش، ئەزالارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قان تومۇرلارنى جانلاندۇرۇش، سۆڭەك-مۇسكۇللارنى كۈچەيتىش، زەئىپلىك زىيىنىنى تولۇقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش، سوغۇقتىن قورقۇش، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، قان ئازلىق، زەئىپلىك قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رولى بار.

توخو گۆشى شورپىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، توخو يۈرىكى يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، يۈرىكى سىقىلىدىغانلار، ئىچى تىتىلدايدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. توخو جىگىرى جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، قاننى تولۇقلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلار، ناماز شام قارىغۇسىغا گىرىپتار بولغانلار، قان ئازلىققا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. توخو  تۆتى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، كۆكيۆتەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ئۈنۈم بېرىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

توخو گۆشى ياشانغانلار، ئاغرىقلارش تېنى ئاجىزلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

توخو گۆشى شورپىسى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنسا، ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەممىدىن يۇقىرى بولىدۇ. توخو گۆشىنى چوقۇم ئۇزۇنراق ۋاقىت قاينىتىش لازىم. قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىمۇ زۇكام ۋىروسىغا ئوخشاش، ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ، مەيلى توخو گۆشى بولسۇن ياكى توخو تۇخۇمى بولسۇن، قاينىتىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولسىلا، ۋىروسنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

خوراز گۆشىنىڭ ھارارەت تولۇقلاش رولى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، مۇزەككەر زەئىپلىشىشتىن بەدىنى ئاجىزلاشقانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، مىكىيان گۆشى مەنپىيلىككە تەۋە بولۇپ، توغۇتلۇق ئاياللار، ياشانلغان تېنى ئاجىزلار ۋە ئۇزۇن كېسەل بولۇپ تېنى زەئىپلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەنئەنە جەھەتتە ئەرلەرنىڭ مىكيان گۆشى ئىستېمال قىلىشى، ئاياللارنىڭ خوراز گۆشى ئىستېمال قىلىشى، ئاق شورپا تەييارلاپ ئىچىشى تەكىتلىنىدۇ.

توخو گۆشى تەركىبىدە مول ئاقسىل بار. بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار توخو گۆشى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم؛ توخو گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، قىزىتمىنى كۈچەيتىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۇقىرى قىزىتمىغا گىرىپتار بولغانلار ئىسسىقتىن مەيدىسى گىژىلدايدىغانلار توخو گۆشى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. توخو گۆشى تەركىبىدە فوسفورنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، تۆمۈر تەركىبلىك دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ۋاقتىنچە توخو گۆشى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى ۋە قاندا ياغ يۇقىرىلاش كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار توخو گۆشى شورپىسى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىر تۇتۇشى لازىم؛ زۇكامداپ بېشى ئاغرىۋاتقان، ماغدۇرسىزلىنىپ، قىزىۋاتقانلار توخو گۆشى، توخو گۆشى شورپىسى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. 

توخو پۈرۈكى باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە راك قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ئامبىرى، شۇنداقلا لىمفا ئەڭ مەركەزلەشكەن جاي، شۇڭا ئۇنىڭ ھەرگىز ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

توخو گۆشىنى توشقان گۆشى، سازان بېلىق (كارپ بېلىقى)، سامساق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى