ساغلاملىق

قىچا يېغىنىڭ شىپالىق رولى

قىچا يېغى قىچىنىڭ ئۇرۇقىدىن تارتىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك ياغدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ رەڭگى ئالتۇن سېرىقى رەڭدە ياكى قوڭۇر سېرىق رەڭدە بوۇپ، بەلگىلىك غىدىقلىغۇچى پۇرىقى بار، بۇ خىل پۇراق قىچا يېغى تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا گلىكوزىدى بولغانلىقتىن بولىدۇ، لېكىن ئەلا سورتلۇق قىچا تەركىبىدە بۇ خىل ماددا بولمايدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

قىچا يېغى تەركىبىدە ۋىتامىن E، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. 

قىچا يېغى قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، نېرۋا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئىستىمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قىچا يېغى تەركىبىدە سىناپىك كىسلاتا مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بىرخىل ياغ بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىغا ياغ ئولتۇرۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان – چىقارمايدىغانلىقى ۋە يۈرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان – ئۇچراتمايدىغانلىقى ھەققىدە نۆۋەتتە تېخى تالاش – تارتىش مەۋجۇت. تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار يەنىلا قىچا يېغىنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم. 

ياغنىڭ مۇئەييەن سۈپەت مۇددىتى بولىدۇ، بەك ئۇزاق ۋاقىت ساقلانغان ياغنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. قىچا يېغىنىڭ ئازراق ئوتياش پۇرىقى بولغاچقا، بىۋاستە ئىشلىتىپ سوغۇق سەي تەييارلاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. 

يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزىتىلغاندىن كېيىنكى ياغنى تەكرار قىزىتىپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

قىچا يېغى تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر ئېھتىياجلىق ياغ كىسلاتاسى كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىمۇ تەكشى ئەمەس بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى باشقا ئۆسۈملۈك مايلىرىنىڭكىدىن تۆۋەنرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا قىچا يېغىنى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى