يۈز چاپلىقى چاپلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار
يۈز چاپلىقى چاپلاش نۇرغۇن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىش بولۇپ، يۈز چاپلىقى ئېلىپ كەلگەن تېرە ئاسراش ئۈنۈمىدىن بەھرىمەن بولغىلى، ھەم ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ.
بولۇپمۇ ھاۋا بىر قەدەر قۇرغاق بولغان قىش پەسلىدە، قەرەللىك ھالدا بىر پارچە يۈز چاپلىقى چاپلاپ تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. بىراق يۈز چاپلىقى چاپلاش بىر قەدەر ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئىچىدە مەسىلە كۆپ، ئەگەر يۈز چاپلىقىنى توغرا چاپلىمىغاندا، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەمدى بىز بىرلىكتە يۈز چاپلىقى چاپلىغاندا سادىر قىلىشقا بولمايدىغان بىر قانچە خاتالىقنى چۈشىنىپ باقايلى.
يۈز چاپلىقى چاپلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. ھەرگىزمۇ كۈندە يۈز چاپلىقى چاپلىماسلىق كېرەك.
ھەر قانچە قۇرغاق ھاۋا بولسىمۇ كۈندە يۈز چاپلىقى چاپلاشقا بولمايدۇ، بۇ ئەڭ ئاسان سادىر بولىدىغان خاتالىق.
گەرچە بەزى ئايال چولپانلار ھەر كۈنى يۈز چاپلىقى چاپلايمەن، ھەتتا بىر كۈندە بىر نەچچە يۈز چاپلىقى چاپلايمەن دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئالاھىدە مۇھىتتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تېرىسىنى ئاسراش كوللېكتىپى بار، ئەگەر ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆرنەك ئالسا چوقۇم مەسىلە چىقىدۇ.
ئەگەر ھەر كۈنى يۈز چاپلىقى چاپلىغاندا مۈڭگۈز قەۋىتىگە پات ـ پات سۇ تولۇقلىنىپ، تېرىگە ئاسانلا سۇ يىغىلىپ قېلىش مەسىلىسى كۆرۈلۈپ، ئاستا ـ ئاستا سەزگۈرلىشىپ، ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن تېرە مەسىلىلىرى پەيدا بولىدۇ.
بۇ يەردە يۈز چاپلىقى چاپلاش چاستوتىسىنى چوقۇم ياخشى ئىگىلەش كېرەك، بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئەتراپىدا بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ھەر كۈنى چاپلىماسلىق كېرەك، ھەم پۇل ئىسراپ قىلىدۇ، ھەم ياخشى ئۈنۈمى بولمايدۇ، يەنە تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
2. بىر قېتىمدىلا ھەرخىل يۈز چاپلىقى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ھازىر بازاردا يۈز چاپلاقىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بار، سۇ تولۇقلايدىغان، ئاقارتىدىغان، نەملىك ساقلايدىغان، قېرىشقا قارشى تۇرىدىغان يۈز چاپلىقى قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەر خىل كىشىلەرنىڭ تېرە ئاسراش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ. لېكىن يۈز چاپلىقىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىدىن ئاساسىي جەھەتتىن ۋاقىتلىق سۇ تولۇقلاش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، شۇڭا پەقەت سۇ تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە يۈز چاپلىقى سېتىۋالسىلا بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئەگەر باشقا ئىقتىدار ئېھتىياجى بولسا، باشقا يۈز چاپلاقلارنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. يۈز چاپلىقى ئىشلىتىشتە بىر قېتىمدىلا ھەرخىل يۈز چاپلىقى ئىشلەتمەسلىك، بىر قېتىمدىلا سۇ تولۇقلاش، ئاقارتىش، نەملىك ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە يۈز چاپلىقىنى بىر ـ بىرلەپ ئىشلىتىشنى ئويلىماسلىق كېرەك، بۇنداق بولغاندا يۈز قىسمىدا ئاسانلا تېرە مەسىلىسى كۆرۈلۈپ، تەرتۈشۈكچىلىرى ئېتىلىپ قېلىش ياكى دانىخورەك پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. يۈز چاپلىقىنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن يۈزنى يۇيۇش.
يۈز چاپلىقىنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، مەيلى بىر تەرەپلىمە يۈز چاپلىقى ياكى مەلھەمسىمان يۈز چاپلىقى بولسۇن، يۈزنى ئەستايىدىل يۇيۇش كېرەك.
بەزىلەر يۈزنى يۇيماسلىق ئاساسلىقى يۈز چاپلىقىدىكى جەۋھىرىنى يۇيۇۋېتىشتىن قورقۇشتىن، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە يۈز چاپلىقى چاپلاش جەريانىدا تېرىگە سۇ توشۇپ كېتىدۇ، ئېشىپ قالغىنىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنى يۇيۇۋەتسىلا بولىدۇ.
ئەگەر دائىم يۈز چاپلىقى چاپلىغاندا، يۈزنى يۇيمىغاندا مەينەت نەرسىلەر چاپلىشىپ تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالىدۇ.4. يۈز چاپلىقىنى ۋاقىتنى ئۇزارتىپ چاپلىماسلىق كېرەك.
ئۇخلاش يۈز چاپلىقىدىن باشقا، باشقا يۈز چاپلىقى ئۇزۇن ۋاقىت چاپلاشقا ماس كەلمەيدۇ، بەزىلەر يۈز چاپلىقى چاپلاپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئىنتايىن توغرا ئەمەس. ئەگەر يۈز چاپلىقىنى چاپلىغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، يۈز چاپلىقى تەتۈرسىگە تېرىدىكى سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، تېرىنى بارغانسېرى قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
يۈز چاپلىقى چاپلىغاندا يۇقىرىقى بىر قانچە خاتالىققا چوقۇم دىققەت قىلىش، ھەرگىز سادىر قىلماسلىق كېرەك. يۈزلۈكنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولسىمۇ، كۈندە چاپلىماسلىق، ۋاقتىنى ئۇزارتىپ چاپلىماسلىق كېرەك.
بۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە چىڭ تۇتۇشىنى، تېرە ئاسراش ھەرىكىتىنى تېرىنى زەخمىلەندۈرىدىغان ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.