ساغلاملىق

قېتىقنىڭ شىپالىق رولى

قېتىق كالا سۈتىنى ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، ئۇنى تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، يۇمشاق ۋە سىلىق، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، كىشىلەر بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ، ئۇ رولى ئۆزگىچە بىر خىل ئوزۇقلۇق ماددا بولۇپ، ئورگانىزمدىكى مىكرو ئورگانىزم تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

قېتىق تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىنC، ۋىتامىنE، ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، شۇنىڭدەك كالتسىي، فوسفور، كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

قېتىقنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولى بار، ئۇ ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەرنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، چىرىتكۈچى باكتېرىيە قاتارلىق زىيانلىق باكتېرىيىلەرگە قارىتا تىزگىنلەش رولىنى ئويناپ، ئورگانىزمنى زىيانلىق ماددىلارنى شۈمۈرۈشتىن ساقلاپ قېلىپ، كېسەللىكلەرنى ئازايتىدۇ.

قېتىق ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىشىھانى ياخشىلايدۇ. ياشانغانلار ھەر كۈنى كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە، تاماق تاللاشتىن كېلىپ چىققان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى ياخشىلايدۇ.

قېتىق ئۈچەي يولىدىكى ئاجىز ئىشقارلىق ماددىلارنى ئاجىز كىسلاتالىق ماددىلارغا ئۆزگەرتىدۇ، يەنە باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش رولى پەيدا قىلىدۇ. قېتىق قېرىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا كېچىكتۈرىدۇ.

قېتىق تېرىنىڭ مۈڭگۈزلىشىشى ۋە قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنى نەمخۇش، يۇمشاق ھالەتتە ساقلايدۇ، يەنە قاندىكى خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە.

قېتىق راك كېسىلى ۋە قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەمدە كالا تەمرەتكىسىنى ياخشىلايدۇ ۋە بالىلاردىكى ئوزۇقلىنىش ناچارلىقىنى پەسەيتىدۇ. ئاياللارنىڭ ھەيز كېسىلىش دەۋرىدە، قېتىق يەنە كالتسىي يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى تىزگىنلەيدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قېتىقنى كۈنىگە 150~250 مىللىگرام ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. 

ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار، ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قالىدىغان كىچىك بالىلار قېتىق ئىستېمال قىلىشقا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

دائىم كومپيوتېردا مەشغۇلات قىلىدىغانلار، تېنى ئاجىزلار، دائىم ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغانلار، ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىدىغانلار، سۆڭەك شالاڭلىشىش، ئۆسمە، سۈت شېكىرىگە چىدامسىزلىق كېسىلى، چاڭ-توزاندىن كېلىپ چىققان كەسپىي كېسەللىكلەر، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم قېتىق ئىچىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيىلىرى ئارسىدىكى بەزى تۈرلەرنىڭ چىشقا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە زىيىنى بار بولۇپ، ئاسانلا قۇرت يېگەن ۋچىشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا قېتىق ئىچكەندىن كېيىن ۋاقتىدا سۈزۈك سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاش لازىم. 

ئاچ قورساققا قېتىق ئىچمەسلىك لازىم. ئاچ قورساققا قېتىق ئىچكەندە، سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيىلىرى ئاسانلا ئۆلۈپ، ساقلىقنى ساقلاش رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە قېتىق ئىچكەندە، سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيىلىرى ئاسانلىقچە ئۆلمەيدۇ. 

قېتىقنى قىزىتىپ ئىچىشكە بولمايدۇ، ياز پەسلىدە قېتىقنى ئالغان ھامان ئىچىش لازىم. 

سۇنىڭ ئورنىدا قېتىق بىلەن دورا ئىچىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ خلورومىتىسىن، ئېرىترومىتىسن، سۇلفانىلامىد قاتارلىق ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ۋە ئىچ سۈرۈشنى داۋالايدىغان بەزى دورىلارنى قېتىق بىلەن ئىچىشكە بولمايدۇ.

ئاشقازان-ئۈچەي ئوپراتسىيىسىدىن كېيىنكى بىمارلار، ئىچى سۈرۈۋاتقانلار ياكى باشقا ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار قېتىق ئىچىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

قېتىق ئۇيۇتۇش داۋامىدا ئۇنىڭغا ئېچىشنى تېزلەتكۈچى خۇرۇچ سۈپىتىدە شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، بەزىدە ھەرخىل قىياملار بىلەن ئۇنىڭ تەمى تەڭشىلىدۇ، شۇڭا دىئابېت كېسىلى بارلار قېتىق ئىچىشتە ئېھتىيان قىلىشى كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى