يەرياڭىقى يېغىنىڭ شىپالىق رولى
يەرياڭىقى يېغى يەرياڭىقى مېغىزىدىن تارتىلىدىغان ياغ بولۇپ، يەرياڭىقىنىڭ خۇش پۇرىقىغا ئىگە. يەرياڭىقى يېغى ئادەم بەدىنىنى نۇرغۇن ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك تەمىنى ئاشۇرىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
يەرياڭىقى يېغى تەركىبىدە تونۇيمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە سىنك قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىنكنىڭ مىقدارى سالات مېيىنىڭكىنىڭ 37 ھەسسىسىگە، تېرىق يېغىنىڭكىنىڭ 32.6 ھەسسىسىگە، قىچا يېغىنىڭكىنىڭ 16 ھەسسىسىگە، پۇرچاق يېغىنىڭكىنىڭ 7 ھەسسىسىگە تەڭ.
يەرياڭىقى يېغى قان پلاستىنكىلىرىنىڭ يىغىلىشىنى ئازايتىپ، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
يەرياڭىقى يېغى تەركىبىدە كۆپ خىل قېرىشقا قارشى تەركىبلەر بولۇپ، مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ ھەم تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇش، تاماق سىڭدۈرۈش، قۇرت ھەيدەش رولىغا ئىگە.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يەرياڭىقى يېغى ئوتتۇرا ياش-ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
يەرياڭىقى يېغىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ياغ تەركىبى كۆپ بولغاچقا، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىماسلىق كېرەك. بولمىسا يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ.
يەرياڭىقى يېغى يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بولۇپ، قورۇما قورۇشتىن باشقا، يەنە يېمەكلىكلەرنى ياغدا پىشۇرۇشقا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. يەرياڭىقى يېغىدا قورۇما قورۇشتا، ياغ قىزىغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن تۇز سېلىپ، تەخمىنەن 30 سېكۈنت ئېلەشتۈرسە، يەرياڭىقى يېغى تەركىبىدە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن بولغان ئافلاتوكسىننى يوقاتقىلى بولىدۇ.
يەرياڭىقى يېغىنى ھىم ئېتىلىدىغان ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ، سالقىن، قۇرۇق جايغا قويۇپ ساقلاش لازىم. سۈپەت مۇددىتى بىر يىل.