ساغلاملىق

كۈنجۈت يېغى

كۈنجۈت يېغى جۇڭگونىڭ تەم تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئۆسۈملۈك يېغىدۇر. ئۇ كۈنجۈتتىن تارتىلىدىغان ياغ بولۇپ، قورۇلغان كۈنجۈتنىڭ كۈچلۈك خۇش پۇرىقىغا ئىگە، كۈنجۈت يېغىنىڭ تەمى ساپ، بەلكى ئېغىزدا قالىدىغان بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل تەم خۇرۇچى ھېسابلىنىدۇ. مەيلى سوغۇق سەي، ئىسسىق سەي بولسۇن، ياكى شورپا تەييارتا بولسۇن، ئۇ ئوخشاشلا زىننەتلەش، تەمىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

كۈنجۈت يېغى تەركىبىدە ۋىتامىن E، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلار كۈنجۈت يېغنىڭ كۈچلۈك خۇش پۇرىقى بار بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. يەنە خولېسترولنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم ئارتېرىيە دىۋارىدىكى چۈكۈندىلەرنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتا بەلگىلىك رولى بار. 

كۈنجۈت يېغى جىگەرنى، يۈرەكنى ئاسرايدۇ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ھەمدە راكقا قارى تۇرۇش رولى بار، ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، يۇتقۇنچاقنى سىلىقلاشتۇرۇش، كېكىردەككە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ياخشى ئۈنۈمى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە گىرىپتار بولغانلار ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئاچ قورساققا بىر يۇتۇمدىن كۈنجۈت يېغى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 

تاماكا چېكىش ئادىتى بارلار ۋە ھاراق ئىچىدىغانلار دائىم ئازراق كۈنجۈت يېغى ئىچىپ بەرسە، تاماكا ۋە ھاراقنىڭ زىيىنىنى يەڭگىللىتىشتە بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. 

كۈنجۈت يېغىدا قورۇما قورۇشتا، تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياغنى ھەددىدىن زىيادە قىزىتىۋەتمەسلىك لازىم. 

كۈنجۈت يېغىنى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ، قاراڭغۇ جايغا قويۇپ ساقلاپ، بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى رېزىنكە پۇرۇپكا قاتارلىق غەيرىي پۇراقلىق نەرسىلەر بىلەن ئەتمەسلىك لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى