ساغلاملىق

جىبەرەنگىنىڭ شىپالىق رولى

جبەرەنگىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ قارامتۇل، سۈزۈك، ھىدى كۈچلۈك، تەمى تۇزلۇقراق بولۇپ، ئېسىل تەم تەڭشەش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. 

جۇڭگودا قەدىمكى دەۋردە جبەرەنگى دادۇر، بۇغداي ۋە ئۇندىن ئىشلەنگەن. ھازىر بولسا جبەرەنگى ئاشلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بولغان پۇرچاق كۈنجۈرىسى، كېپەك قاتارلىقلار خام ئەشيا قىلىنىپ ئېچىتىش ئارقىلىق ئىشلىنىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

جبەرەنگى تەركىبىدە ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 قاتارلىقلار بار.

جبەرەنگى يېمەكلىكنىڭ تۇزلۇق تەمىنى سۇسلاشتۇرىدۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ خۇشپۇرىقىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە رەڭگىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىدۇ. 

جبەرەنگى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، بىئاراملىقنى تۈگىتىش، تەمنى تەڭشەپ، ئىشتىھانى ئېچىش رولىغا ئىگە ھەمدە ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا ئۇ يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاشقا پايدىلىق. 

جبەرەنگى بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تومۇرزلايدۇ، ئاز مىقداردا جبەرەنگى ئىستېمال قىلىنسىلا ئەركىن رادىكاللارنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

بەدەننىڭ مەلۇم بىر يېرى قايناق سۇدا كۆيۈپ قالغاندا، جبەرەنگى سۈركەپ قويسا، ئاغرىقنى توختىتىپ زەھەر قايتۇرىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

جبەرەنگىنى قورۇمىغا قۇيغاندىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت قايناتماسلىق لازىم. ئۇزۇن قاينىتىلسا، تېمپېراتۇرا زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن، جبەرەنگى تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، شېكەر كوكسلىشىپ چۈچۈمەل تەمگە ئۆزگىرىپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. جبەرەنگىنى قورۇمىنى ئۇسۇشنىڭ ئالدىدىلا قۇيسا مۇۋاپىق بولىدۇ. 

جبەرەنگىنى خام پېتى ئىستېمال قىلسا پاكىز بولمايدۇ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر خىل تۈز خۇمار باكتېرىيىنىڭ يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى تۇزلۇق يېمەكلىكلەردە ساقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايقالدى. جبەرەنگىدا ئۇزۇن ۋاقىت ھايات كەچۈرەلەيدۇ. ئادەم تەركىبىدە تۇز خۇمار باكتېرىيە بار يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلسا، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا شوك بولىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاندىن قالسا، جبەرەنگى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ساقلاش ۋە سېتىش جەريانىدا ھەمىشە بۇلغىنىپ قالىدۇ. 

جبەرەنگى ئىستېمال قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى: جبەرەنگىنى قاينىتىۋەتكەندىن كېيىن، پاكىز بوتۇلكىغا قاچىلاپ زاپاس تەييارلاپ قويۇشتىن ئىبارەت. 

پاختىلىشىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن جبەرەنگىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. 

يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلاردىن قورۇما قورۇغاندا جبەرەنگى قويۇش ھاجەتسىز، چۈنكى جبەرەنگى بۇ كۆكتاتلارنىڭ رەڭگىنى قارامتۇل قۇڭۇر رەڭگە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى خۇشپۇرىقىنى يوقىتىۋېتىدۇ. 

جبەرەنگىنى سالقىن، قۇرۇق جايغا قويۇپ ساقلاش، ئۇنىڭ ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش لازىم. جبەرەنگىنىڭ سۈپەت مۇددىتى 6 ئاي.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى