ساغلاملىق

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، پۈتۈنلەي توخو تۇخۇمى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۆردەك تۇخۇمى توخو تۇخۇمىدىن چوڭ، شەكلى قېلىن.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئۆردەك تۇخۇمى تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنB، ۋىتامىنB2، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ھەمدە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

ئۆردەك تۇخۇمى سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ھەم قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ مەنپىيلېكىنى تولۇقلاش، ئۆپكىنى تازىلاش، تولغاقنى توختىتىش رولى بار، يەنە چىش ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ زەئىپلىشىشنى كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، قاننى تولۇقلاش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش، رولى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئۆردەك تۇخۇمى مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئۆردەك تۇخۇمىنى ئوبدان  پىشۇرۇپ ئاندىن يېيىش كېرەك، چۈنكى خام ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ بەزىلىرىدە سالمونېللا باكتېرىيىسى بولىدۇ، ئۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

تورت، بولكا پىشۇرۇشتا ئۆردەك تۇخۇمى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ تەبىئىتى سوغۇققان مايىلراق، شۇڭا تال مۇسبەتلىكى يېتەرسىز، سۇغۇقتىن ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئۇنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئۆردەك تۇخۇمى تەركىبىدىكى خولېستېرول مىقدارىمۇ يۇقىرىراق، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، جىگە كېسىلى، بۆرەك كېسىلى بارلار ئۇنى ئازراق ئىستېمال قىلىشى لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى