ساغلاملىق

ئاق شېكەر

ئاق شېكەر قارا شېكەرنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلاشمىلارنى چىقىرىۋېتىپ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قۇمۇش شېكىرىدىن ئىبارەت. قومۇش شېكىرىنىڭ خام ئەشياسى ئاساسلىقى شېكەر قۇمۇش ۋە قىزىلچىدىن ئىبارەت. ئېلىمىز ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرىلا شېكەر قۇمۇشىدىن شېكەر ئىشلەشنى باشلىغان، قىزىلچىدىن پايدىلىنىپ شېكەر ئىشلەش بولسا يېقىنقى بىرقانچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئىشتۇر. 

ئاق شېكەرنىڭ تاتلىق تەمى كۈچلۈك ، ئادەتتىكى ئىچىملىك، پېچىنە ۋە باشقا شېكەرلىك يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، قورۇما قورۇغاندا تەم خۇرۇچى قىلىپ ئىشلەتسىمۇ ياكى ئېرىتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئاق شېكەر تەركىبىدە ۋىتامىن B2، شۇنىڭدەك كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. 

ئاق شېكەر ئۆپكىنى سىلىقلاپ، خىلىت پەيدا قىلىش، ئىچكى ئەزالارنى نورماللاشتۇرۇپ، تالغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، جىگەرنىڭ قۇۋۋىتىنى بوشاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، جاراھەتنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىقلىقىنى ئۆزگەرتىپ، توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

دىئابېت كېسىلى، قان شېكىرى يۇقىرىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئاق شېكەر ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. 

ئاق شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا ئورگانىزمنىڭ كالتسىينى شۈمۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، لېكىن زىيادە ككپ ئىستېمال قىلىنسا ئەكسىچە ھالدا ئورگانىزمنىڭ كالتسىينى شۈمۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئاق شېكەر زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئىسسىققا يادەم بېرىش، چىشنى زىيانغا ئۇچرىتىش، قۇرت پەيدا قىلىشتەك نۇقسانلىرى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئاق شېكەر ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلىشى لازىم. 

ئاق شېكەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا ئېغىز چايقاپ ياكى چىشنى چوتكىلاپ، قۇرت يېگەن چىش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 

شېكەر-ئاچچىقسۇ تەملىك قورۇما قۇرۇشتا، شېكەر سېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى تۇز قۇيۇشتىن بۇرۇن. 

ئاق شېكەرنى ھىم ئېتىلىدىغان ئەينەك ياكى سۇلياۋ قاچىغا سېلىپ، سالقىن، قورۇق جايغا قويۇپ ساقلاش لازىم، ئۇنىڭ سۈپەت مۇددىتى 18 ئاي.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى