ساغلاملىق

تۇزنىڭ رولى

تۇزنىڭ رولى

تۇز كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچتۇر. تۇز تۇزلۇق تەمنىڭ توشۇغۇچىسى، كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان تەم تەڭشەش ماتېرىيالى بولۇپ، ھەربىر ۋاخ تاماقنى ئېتىشتە ئۇنىڭدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنى ھەرخىل قورۇمىلارنى قورۇشتا تەمنى تەڭشەشكە ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە تۇزغا چىلانغان، جبەرەنگىگە چىلانغان سەيلەرنى تەييارلاشقىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

تۇز تەركىبىدە فتور، ناترىي، يود، بور، خلور، ناترىي سۇلفات، فوسفات كىسلاتا تۇزلىرى قاتارلىق تەركىبلەر بار.

تۇزنىڭ قۇستۇرۇش، ئىسسىقنى تۈگىتىش، قاننى سوۋۇتۇش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىشتىھانى كۈچەيتىش قاتارلىق رولى بار، يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال قىلىنسا، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق يودنى تولۇقلاپ، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، يېتىلىشى كېچىكىشتەك ئالامەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

تۇز ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كراخمال تۇرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. 

تۇز سۈيىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، يېڭى پېتى ساقلاش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى مۈڭگۈز ماددا ۋە كىرىنى تازىلاپ، ئادەمنىڭ يۈزىنى يېڭى ۋە يۇمران، سۈزۈك كۆرسىتىدۇ، پۈتۈن بەدەن تېرىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بەزى تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم، كۈنىگە 6-10 گرامدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

تۇز زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، جەزمەن كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشكە سەۋەب بولىدۇ، ھالبۇكى زىيادە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە يۈرەك ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە ئېغىرلىشىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، يۈرەك، بۆرەك كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ. 

ئاندىن قالسا، ئادەم ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، قان تومۇرلار كۈنسايىن قېرىپ، ئىقتىدارى كۈنسايىن چېكىنىپ بارىدۇ، زىيادە ككپ مىقداردىكى تۇز بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنلىرىنىڭ تەسىرىدە، قان تومۇرلارنىڭ ھەرخىل قان بېسىمنى ئۆرلەتكۈچى ماددىلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

بەزىلەر قازانغا ياغ قۇيۇش بىلەن تەڭلا تۇز سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە تۇزنى ياغ بىلەن بىللە قاينىتىدۇ، قازاندىن كۆك ئىس كۆتۈرۈلگەندە ئاندىن كۆكتاتلارنى قازانغا سېلىپ قورۇيدۇ؛ يەنە بەزىلەر كۆكتاتلارنى قازانغا سېلىپ بىرقانچە قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپلا دەرھال تۇزنى سالىدۇ، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى توغرا ئەمەس. 

قورۇما قورۇشتا، ئالدى بىلەن تۇز سالماسلىق، قورۇما تەركىبىدىكى سۇ ئىسسىقلىق شۈمۈرۈپ قايناپ، ئىچىدىن تېشىغىچە تولۇق پىشقاندىن كېيىن ئاندىن تۇز سالسا، قورۇما جەزمەن چۈرۈك، مەززىلىك، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى دەل جايىدا بولىدۇ. 

جىگەر قېتىشىش كېسىلى بارلار تۇز ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلىشى، بالىلارمۇ تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى لازىم. 

توخو، بېلىق قاتارلىقلاردىن قورۇما تەييارلاشتا تۇزنى ئاز سېلىش لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە لەززەتلىك تەمگە ئىگە ناترىي گلۇتامات بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىلا سەل تۇزلۇقراق.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى