كەپتەر گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، خەلق ئارىسىدا «بىر كەپتەرنىڭ گۆشى توققۇز توخونىڭ گۆشىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ» دەيدىغان گەپ بار.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كەپتەر گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنE,B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، پانتوتېنىك كىسلاتا، شۇنىڭدەك كالتسىي، تۆمۈر، مىس قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
كەپتەر گۆشى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار ۋە قان ئازلىققا گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.
خەلق ئارىسىدا كەپتەر گۆشىگە باشقا دورىلارنى سەپلەپ باش قېيىش كېسىلى، ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدىغان رېتسېپلار بار. ئاياللار دائىم كەپتەر گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىنسىي ھەۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. كەپتەر گۆشى چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش ۋە ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىش قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
كەپتەر گۆشى ئاسان ھەزىم بولىدۇ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يەلنى ھەيدەپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەلدىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كېتىش، قان زەئىپلىشىشتىن ھەيز توختاپ قېلىش، باش قېيىش، روھىي جەھەتتىن چارچاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، داۋالاش رولى بار.
كەپتەر باچكىسىنىڭ گۆشى بەدەندە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ.
كەپتەرنىڭ قېنى ئوپراتسىيە جاراھىتىنى تېز ساقايتىدۇ، كەپتەر باچكىسىنىڭ سۆڭىكى تېرىنى ئاق، يۇمشاق قىلىدۇ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىپ، مەڭزىنى قىزىل قىلىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كەپتەر گۆشى ياشانغانلار، تېنى ئاجىز، ئاغرىقچان كىشىلەر، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار، ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەپتەر گۆشىنى ھوردا دۈملەپ، شورپا قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا بولىۋېرىدۇ.