ساغلاملىق

قەھۋە

قەھۋە بولسا قەھۋە پۇرچىقىنى يانجىپ ئۇن ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئىسسىق سۇدا دەملەپ تەييارلىنىدىغان ئىچىملىكتۇر. قەھۋەنىڭ تەمى ئاچچىق، ئەمما ئالاھىدە بىر خىل خۇش پۇرىقى بار بولۇپ، غەربلىكلەرنىڭ ئاساسلىق ئىچىملىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلار، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىدىغانلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ روھىنى كۆتۈرىدۇ، ئاشىق-مەشۇقلار ھەمىشە قەھۋەخانىلارنىڭ يېقىملىق مۇھىتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

قەھۋە تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا ۋىتامىن E، نىكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. 

قەھۋەنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار، ئۇ ھەرخىل رادىئاتسىيىنىڭ زىيىنىنى يەڭگىللىتىدۇ، سۇس قەھۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ جىگەر راكىنى تورمۇزلايدۇ، بىر قەدەر ياىشى مەستلىكنى يېىشىش ئۈنۈمى بار. 

قەھۋەنىڭ مەركىزىي نېرۋىنى غىدىقلاپ، جىگەر گلىكوگېننىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان شېكىرىنىڭ مىقدارىنى ئۆرلىتىش رولى بار بولۇپ، ۋاقىتلىق ھالدا ئادەمنىڭ زېھنىنى ئۇرغۇتۇپ، تەپەككۇرىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، بەدەن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى بولىدۇ. 

قەھۋە مېڭە قان تومۇرلارنىڭ ۋە كاناي سىلىق مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى پەسەيتىدۇ، يورۇقلۇق دولقۇنى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى قاتارلىق رادىئاتسىيىلەرنىڭ زىيىنىنى يەڭگىللىتىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قەھۋەنى كۈنىگە 1-2 ئىستاكان ئىچىپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بەش ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قويۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىچمەسلىك لازىم. قەھۋەنى تېتىپ كۆرۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بىر يۇتۇم داغ سۇ ئىچىپ، ئاندىن قەھۋەنى تېتىسا ئاندىن ئۇنىڭ مەززىلىك تەمىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. 

قەھۋە ئىچكەچ تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىسا كوففېئىن ۋە تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىقلار ئاسانلا ئادەم بەدىنىدىكى بەزى توقۇلمىلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. زىيادە قېنىق قەھۋە يۈرەك سوقۇشنى تېزلەشتۈرۈپ، قان بېسىمنى ئېنىق ھالدا ئۆرلىتىۋېتىدۇ ھەمدە جىددىيلىشىش، خاتىرجەمسىزلىنىش، تىت-تىت بولۇش، قۇلاق غۇڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ھاراق بىلەن قەھۋەنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىشكە بولمايدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ئىچكەندە، ئىسپىېرتنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئېغىرلىشىپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلەشتۈرۈپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ يۈكىنى ئىنتايىن ئاشۇرىۋېتىدۇ. 

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار قەھۋەنى ئاز ئىچىشى لازىم. ياشانغان ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچسە، سۆڭەك شالاڭلىشىشقا سەۋەبچى بولۇپ، سۆڭىكى ئاسان سۇنۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. دائىم قەھۋە ئىچىدىغانلار كالتسىي تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم. 

ئاشقازان كېسىلى بارلار ۋە ۋىتامىن B1 يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىمكانقەدەر قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم. ھامىلىدار ئاياللار قەھۋەنى زىيادە كۆپ ئىچسە، ھامىلىدە غەيرىيلىك پەيدا بولىدۇ ياكى بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. 

تېيىز قاقلاپ قۇرۇتۇلغان قەھۋەنى دەملەشتە، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 95 گىرادۇس ئەتىراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، چوڭقۇر قاقلاپ قۇرۇتۇلغان قەھۋەنى دەملەيدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى سەل تۆۋەنرەك بولسا بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى