ساغلاملىق

سامساقنىڭ رولى

تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

شىپالىق رولى: تەرلىتىش، قاننى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، تەشەننۇجنى بوشىتىش، يارىلارنى تازىلاش ۋە پۈتتۈرۈش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، يەل تارقىتىش، ھەزىمنى كۈچەيتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

سامساق ئەسلىي ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىدىغان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغاندا جۇڭگوغا ئالغاچ كەلگەن.

سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق، كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى پۇرىقى بار بولۇپ، قورۇما تەييارلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان تەم تەڭشەش ماتېرىيالىدۇر. سامساق كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇ يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

سامساق تەركىبىدە B  گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن  C، شۇنىڭدەك گۈڭگۈرت، سېلېن، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

سامساق ئىشتىھانى ئېچىش، يېمەكلىكلەرنىڭ كۆڭۈلگە تېگىشىنى يوقىتىش، ئېغىزنى تازىلاش رولىغا ئىگە. بەلكى ئىنايىن كۈچلۈك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، جاراھەتنىڭ يۇقۇملىنىشىنى توسىدۇ، قۇرت ھەيدەيدۇ.

سامساق ئۆتكۈر،سوزۇلما ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ۋە يارا خاراكتىېرلىك كېسەللىكلەر، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، تۇبېركۇليوز خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، زەمبۇرۇغ (كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ) بىلەن يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ ھەمدە ئورگانىزمنىڭ ئىمۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، بىمارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.

سامساق قاندىكى ياغ مىقدارىنى تەڭشەيدۇ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۆسمە، مېڭىگە قان چۈشۈش، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى ۋە ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنى توسىدۇ.

سامساق قاننى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ ۋە سۇيۇلدۇرىدۇ، جىگەرنى ئاسرايدۇ، راك كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سامساق يەنە دىئابېت كېسىلىنى داۋالايدۇ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۈنۈملۈك ھالدا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

سامساق ئاساسلىقى تاماقنىڭ تەمىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كونىلاردا: «گۆش يېگەندە سامساق بولمىسا، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يېرىمى ئازىيىپ كېتەر» دېگەن گەپ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۆش يېگەن چاغدا، بىر نەچچە چىش سامساق يېيىشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم. سامساقنى خام پېتى ئىستېمال قىلغان ياخشى. پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

سامساق بىر قەدەر كۈچلۈك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى بارلار، بولۇپمۇ ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى بارلار سامساق ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم، بولمىسا قورساق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئادەتتىكى كىشىلەر سامساقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئېغىز، تىل، ئاشقازاننى كۆيدۈرۈپ، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىگەر كېسىلى بارلار سامساقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، جىگەر فۇنكىسىيىسى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىگەر كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

كۆپ مىقداردا سامساق ئىستېمال قىلغاندا، كۆزگە نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىرى بولۇپ، ئاسانلا كۆپ قاپىقى ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىخلىنىپ قالغان سامساقنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.

خام سامساقنى كۆكى بىلەن بىللە ئۆرۈپ سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويغاندا، تۆت ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ ( ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش مۇمكىن).

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى