ساغلاملىق

كەپتەر تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى

كەپتەر تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئەتىۋار بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. كەپتەر تۇخۇمىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بۆرەكنى، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

كەپتەر تۇخۇمى تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنD ۋە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كالىتسىي ۋە تۆمۈرنىڭ مىقدارى توخو تۇخۇمىنىڭكىدىن يۇقىرى.

كەپتەر تۇخۇمى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ياخشىلاپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىش، قان ئايلىنىش ياخشىلاش، ئىسسىقىنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە، يەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئىچىدە توختاپ قالغان قاننى تازىلاشقا ياردەم بېرىپ، جىنسىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كەپتەر تۇخۇمى بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلار، ھەمىلىدار ئاياللار، تېنى ئاجىزلار ۋە ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

بالىلارغا سۇ چېچەك (ئاقئانام) چىقىپ قالغاندا، كەپتەرنىڭ تۇخۇمىدىن كۈنىگە ئىككى دانە، ئۇدا ئۈچ كۈن يېگۈزۈپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى