ساغلاملىق

كۆكتات كۆزگە ئاق چۈشۈشنى تىزگىنلەيدۇ

ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 324 قوشكېزەك (قىزلار) نى تاللاپ 10 يىل تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «ئادەم يېمەك-ئىچمەكتە ۋىتامىن C قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتسە، كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىدىن يىراق تۇرىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتىن قوبۇل قىلغان ۋىتامىن بەك ئاز كىشىلەرگە قارىغاندا، ۋىتامىن Cنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %34 ئازىيىدىكەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ كىرىستال تەنچىسى ئون يىل بۇرۇن قانداق بولسا، ئون يىلدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىكەن».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «قارىغاندا يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلغان ۋىتامىن C كۆز يېشىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ، كۆزنىڭ كىرىستال تەنچىسىنى ئوكسىدلىنىشتىن ساقلاپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ نەتىجە كۆزگە ئاق چۈشۈش خەتىرىنى ئاجىزلىتىدۇ».

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى