ساغلاملىق

تۆگە سۈتىنىڭ شىپالىق رولى

قەدىمكى كىتابلاردىكى خاتىرىلەر:

ئۇيغۇر دائىملىق دورا ماتېرىياللىرى قامۇسىدا خاتىرىلىنىشىچە تۆگە سۈتىنىڭ خۇسۇسىيىتى سوغۇق، خۇشپۇراق، تەمى سەل ئاچچىق، سەل يېپىشقاق بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش،بەش ئەزا(يۈرەك، جىگەر، تال ، ئۆپكە، بۆرەك)نى ئاسراش، سۆڭەكنى چىڭىتىش ۋە سۈپەتلىك قىلىش، ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش قاتارلىق شىپالىق تەرەپلىرى بار.

“ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى” (خەنزۇچە) دا خاتىرىلىنىشىچە ‹‹ تۆگە سۈتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرسىز، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ، سۆڭەكنى چىڭىتىپ، ئاچلىقنى باسىدۇ›› دەپ خاتىرىلەنگەن.

زامانىمىزدىكى بايقاشلار:

ھازىرقى زامان پەن– تېخنىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىلمىي ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تۆگە سۈتىنىڭ بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئارتۇق شىپالىق روللىرى بارلىقىنى بايقاپ چىققان، مەسىلەن: تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا سۈتىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق، ئادەم تېنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن س ، ۋىتامىن ب، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، تۆمۈر ئېلېمېنتى قاتارلىقلار مول، ‹ۋىتامىن س› ،‹ ۋىتامىن ب› لار كالا سۈتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بىر لىتىر(بىر كىلوگىرام ئەتراپىدا) تۆگە سۈتىنىڭ تەركىبىدە 52 بىرلىك تەبىئىي ئىنسۇلىن (يىداۋسۇ)بار شۇڭا تۆگە سۈتىنى كۆپ ئىچىپ بەرگەن دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كۈنىگە ئۇرىدىغان ئىنسۇلىنى(يىداۋسۇ)غا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلەيدۇ، كالا سۈتىدە بولسا ئاران 0.016 بىرلىك ئىنسۇلىن بولىدۇ. تۆگە سۈتىدىكى ئاقسىل ۋە كالتسىيمۇ كالا سۈتىدىن يۇقىرى، ئەمما ياغ تەركىبى ئۇنىڭدىن تۆۋەن؛ تۆمۈر ئېلېمېنتى كالا سۈتىدىن 10 ھەسسە يۇقىرى؛ ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەركىبىمۇ يۇقىرى (خۇاڭ جىن داداڭنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىمۇ ئامىنو كىسلاتاسى). شۇڭا تۆگە سۈتىنى ‹‹قۇملۇقتىكى ئاق ئالتۇن›› دەپمۇ تەرىپلىشىدۇ.

ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى تۆگە بېقىۋاتقان قىر–ياقىلاردىكى نامرات چارۋىچىلارنىڭ تۆگە سۈتىنى كۆپرەك سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر ئاساسى تۆگە سۈتىنىڭ شىپالىق رولىدا بولسا كېرەك.

ئاساسلىق شىپا بولىدىغان كېسەللەر:

يۈرەك كېسىلى؛ ئۆپكە (زىققا)كېسىلى؛ جىگەر كېسىلى، بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق؛ مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش……

بۇ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر:

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 2– دوختۇرخانىنىڭ پىروفېسسورى سەلتەنەت ھىنايەت خانىم، ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە تەتقىقاتى ئارقىلىق تۆگە سۈتىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش، قاننى جانلاندۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، جىگەر ۋە ئۆپكە، ئاشقازان ئاستى بېزى (پانكرېئاس بېزى، دىيابېت كېسىلىنىڭ بىرىنچى بېكىتى) ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى تازىلاش، مەنپىيلىكنى كۈچەيتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئۆلگەن توقۇلمىلارنى تازىلاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇنىڭ ئۈچۈن سەلتەنەت پىروفىسور 106 نەپەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، 44 بىمارنىڭ تۆگە سۈتى ئىچىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان، ئۇلارنىڭ 1 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى تۆگە سۈتى ئىچمەي دورا بىلەن داۋالانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا بۇلارنىڭ جىگەر خىزمىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى