ساغلاملىق

تۆگە گۆشىنىڭ شىپالىق رولى

ئەرەپچە نامى: جەمەل

تونۇش: بۇ تۆگە ئائىلىسىدىكى مەشمۇر ھايۋانات قوش لوكىلىق تۆگىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ گۆشى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

شىپالىق رولى: رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، قىزىتمىنى پەسەيتىش، كونا-يېڭى باش ئاغرىقىنى يوقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، قان توختىتىش، تۆت كۈندە بىر قېتىم تۇتىدىغان تەپنى يوقىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىزلىقى، تەمرەتكە، قارا داغ، تېرە يېرىقى، بوۋاسىر، خانازىر، مۇدۇر، ئىستىسقا، سەرتان، پالەچ، نىقرەس، رەئىشە، ئىششىق، يىرىڭلىق جاراھەت ۋە يارا قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: گۆشىنى ھەرخىل ئۇسۇلدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا يۇقىرىقى بارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، تېرە تەمرەتكىسى كېسىلىگە تۆگىنىڭ تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ ئېزىپ مەلھەم قلىپ سىرتتتىن چېپىلىدۇ، قارا داغ تېرە كېسىلىگە يېڭى ئۆپكىسى سىرتتتىن قىزىق ھالدا بەدەنگە چاپلىنىدۇ، كۆزنى قۇۋۋەتلەش، كۆزگە چۈشكەن سۇيۇقلۇقنى يوقىتىشقا جىگىرى مۇۋاپىق ھالدا ئىستىمال قىلىنىدۇ، بوۋاسىرنىڭ دانىلىرىنى يوقىتىش ۋە داغلاشقا ئېرىتىلگە يېغى يەككە ھالەتتە ياكى مۇناسىپ دورىلار بىلەن بىرگە سىرتتىن سۈركىلىدۇ، ھامىلە بولۇشقا ياردەملىشىشكە پاقالچاقنىڭ يىلېكىنى ئۆزىنىڭ يۇڭىغا ئوراپ ھەيىزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئۈزمەستىن بالىياتقۇ ئېغىزىغا مۇناسىپ دورىلار بىلەن بىرگە قۇيۇلىدۇ، خانازىر ۋە بەدەنگە چىققان مۇدۇرلارغا تېزىكى ئېزىپ سىرتتتىن چېپىلىدۇ، بالىياتقۇ ۋە بوۋاسىردىن كەلگەن قاننى توختىتىشقا لوكىنىڭ يېغى ئېرىتىپ سىرتتىن ياغلىنىدۇ. 

ئىستىسقا، سەرتان، ئۆپكە سىلى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، بەدەنە ئورۇقلاش قاتارلىقلارغا سۈتى بىر قانچە ۋاقىت ئىچكۈزۈلىدۇ. پالەچ، نىقرەس، ئەزالارنىڭ تۇيغۇسىزلىقىنى يوقىتىش ۋە ئىششىقلارغا تۆگىنىڭ سۈيدۈكى ئادراسمان بىلەن قاينىتىپ يۇيۇلىدۇ، يىرىڭلىق جاراھەتلەرنى ياخشىلاش ۋە جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈشكە يۇڭىنىڭ تىۋىتىنى كۆيدۈرۈپ، يەككە ھالەتتە ياكى مۇناسىپ دورىلار بىلەن بىرگە سىرتتتىن چېپىلىدۇ. تېرىدىكى جاراھەت قانلىرىنى توختىتىشقا يۇڭىنى كۆيدۈرۈپ تالقىنى سېپىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا بېرىلىدۇ. 

زىيانلىق تەسىرى: خىلىتلارنى بۇزىدۇ.

تۈزۈتكۈچىسى: قىچا، تۇز، سېرىقچېچەك، سىركە، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى