چامغۇرنىڭ شىپالىق رولى
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 芜菁 )蔓菁)
ئەرەپچە نامى: شەلجەم
تونۇش: بۇ كىرېستسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك چامغۇر بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ‹چامغۇر› ئۇرۇقى ‹چامغۇر ئۇرۇقى›، چېچىكى (چامغۇر چېچىكى) نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيىتى يۇقىرى، يۆتەلنى توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بولۇپمۇ بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يۇپۇرمىقى سۈيدۈك ھەيدەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە بەلغەم بوشىتىدۇ.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: قەۋزىيەت، يۆتەل، بەدەن ئاجىزلىق، كۆز ئاجىزلىق، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق، بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قاينىتىلغان سۈيى بىلەن سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلار سىرتتىن يۇيۇلىدۇ. چامغۇرنىڭ ئۆزىنى ياكى گۆش بىلەن پىشۇرۇپ يېسە قۇۋۋەت بېرىدۇ، چامغۇردىن سەي تەييارلاپ يېيىشكە بولىدۇ، قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە بوغۇم ئاغرىقلىرىنى، قىچىشقاقنى پەسەيتىدۇ. چامغۇر چېچىكىدىن گۈلقەنت تەييارلاپ بېرىلسە يۆتەل توختىتىدۇ. ئىشتىھانى ئاچىدۇ، كۆزنى روشەن قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا بېرىلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: تەستە ھەزىم بولىدۇ، قورساقنى ئېسىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: قارىمۇچ، چۈچۈمەل نەرسىلەر.
ئورۇنباسارى: قىزىلچا، سەۋزە.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ھەممە يەرلىدە. شىنجاڭ، جۈملىدىن خوتەندە، كەلپىندە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.