يۇمغاقسۈتنىڭ شىپالىق رولى
تونۇش: بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يۇمغاقسۈت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى <كەشنىز>، ئۇرۇقى<تۇخۇمى كەشنىز> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئېغىز ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان كۆپۈش، ئۇسسۇزلۇق، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھۆل يۇمغاقسۈتنى سىقىپ سۈيىنى ئىچسە ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، سىركە بىلەن قوشۇپ كۆزگە تېمىتسا كۆزگە قاپارتقۇ ۋە چېچەك چىقىشنى توسايدۇ. كۆزنىڭ سېرىقلىقىنى يوق قىلىدۇ ۋە كۆز قىزىرىپ ئاغرىش، قىچىشىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ، سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقىسا ئېغىزدىكى مۇدۇر، چىش ئاغرىقى ۋە ئېغىزدا پەيدا بولغان پىشلاقلارغا پايدا قىلىدۇ، قۇرۇق يۇمغاقسۈتنى سوقۇپ تالقان قىلىپ ئىچسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بەلغەم بوشىتىپ، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ. تاماق سىڭدۈرۈپ، سېسىق كېكىرىشنى توختىتىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، قوغۇشۇننى تاشقا سۈرۈپ گۈل يېغى ۋە يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن قوشۇپ چاپسا، سەرتانغا ۋە ھەرخىل قاتتىق يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە پايدا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: سۈيىدىن 30-40 مىللىلىتىر، شاخ، چۆپ قىسمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا بېرىلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: كۆپ يېسە مەنىينى كېمەيتىدۇ. پالەچ ۋە سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. نېرۋىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۇنۇتقاق قىلىپ قويىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، دارچىن.