ساغلاملىق

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى دانىخورەكنىڭ تۆت خىل سەۋەبى

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى يېتىلىش جەريانىدا بەدەندە روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم كىشىلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يۈزىدە دانىخورەك پەيدا بولىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە سەۋەبىنى چۈشىنىپ، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ياخشىلاپ، بەدەننى تەڭشىگەندىن كېيىن يۈزگە دانىخورەك چىقىش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرگە دانىخورەك چىقىپ قالىدۇ؟

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى دانىخورەكنىڭ تۆت خىل سەۋەبى

1. ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئاسانلا دانىخورەك چىقىپ قالىدۇ، بۇنى بەلكىم ئىچكى ئاجراتما سەۋىيەسىنىڭ داۋالغۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى يېتىلىش جەريانى يېتەرلىك ھورمونغا موھتاج بولىدۇ، يېتىلىش جەريانىدا ھورمون سەۋىيەسى ئۆرلىسە، بەدەننى غىدىقلاپ، ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر ياخشى ئادەت يېتىلدۈرمەي، ئىچكى ئاجراتما سەۋىيەسىدە داۋالغۇش كۆرۈلسە، يۈزگە ئاسانلا دانىخورەك چىقىپ قالىدۇ. ئەگەر دانىخورەك ئىچكى ئاجراتما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، بەدەننى ياخشى تەڭشەپ، ئىچكى ئاجراتما سەۋىيەسىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

2. تېرىنىڭ ماي چىقىرىش مىقدارى زىيادە كۆپىيىش

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە يۈزدىكى سۇ بىلەن ماينىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئاسانلا دانىخورەك چىقىدۇ. چۈنكى، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە بەدەننىڭ مېتابولىزمى، ماددا ئايلىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، تېرە ئاسانلا ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

ئەگەر يۈزدىكى تېرىدىن چىققان ماي ۋاقتىدا تازىلانمىسا، تېرە مېيى تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دانىخورەكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئۇرغۇپ تۇرغان بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە تېرىدىن چىققان ماينى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېرىدىكى ماينىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىدىن پەيدا بولىدىغان دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى دانىخورەكنىڭ تۆت خىل سەۋەبى

3. يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق

نۇرغۇن كىشىلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن دانىخورەك پەيدا بولغانلىقىنى بايقايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى نامۇۋاپىق بولۇپ، ھەمىشە ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا، ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يۈزگە دانىخورەك چىقىش ئېھتىماللىقىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، مايسىز، ساغلام يېمەك-ئىچمەكنى ئاساس قىلىش كېرەك. شۇندىلا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى مۇۋاپىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ ھەمدە دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى دانىخورەكنىڭ تۆت خىل سەۋەبى

4. گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ غىدىقلىشى

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئاسانلا دانىخورەك پەيدا بولىدۇ، بۇ تېرە زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر ئادەتتە گىرىم قىلىپ يۈرۈشى مۇمكىن.
ئادەمنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى يۈز تېرىسى ئىنتايىن نازۇك بولۇپ، ئەگەر دائىم گىرىم قىلىپ يۈرسە، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، يۈزىگە ئاسانلا دانىخورەك چىقىپ قالىدۇ، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە يۈزىدە دانىخورەكنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر گىرىم بۇيۇملىرىنى قارىغۇلارچە ئىشلىتىپ تېرىنى زەخىملەندۈرسە، گىرىم قىلىشنى توختىتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە تېرىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىپ، تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، دانىخورەكنىڭ كۆپىيىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى