چېچەك سەينىڭ شىپالىق رولى
* چېچەكسەي يىلتىزىدىن 30 گىرام ، گۈل سامساقتىن 40 گىرام ئېلىپ قۇرۇتۇپ ، تالقان قىلىپ ، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىلمان قايناق سۇ بىلەن كۈنىگە ئىككى ، ئۈچ قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ .
* قۇرۇق چېچەكسەيدىن 60 گىرام ، قارا قېرىنقۇلاقتىن 15 گىرام ئېلىپ ، سۇغا بىر سائەت چىلاپ پاكىز يۇيۇپ ، سۇدا يېرىم سائەت قاينىتىپ ئاق شېكەرنى قوشۇپ ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىش كېرەك . كۈندە بىر ۋاختىن ، ئۇدا 7–10 كۈنگىچە ئىچسە ، سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىش ، ئاغرىتىپ كېلىش ، قىستاشنى داۋالايدۇ .
* قۇرۇق چېچەكسەيدىن 30 گىرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۇدا ئۈچتىن بەش كۈنگىچە ئىچسە ، چارچاشتىن پەيدا بولغان كۆكرەك ، بېقىن ئاغرىشقا شىپا بولىدۇ .