ساغلاملىق

كۆك پۇرچاقنىڭ شىپالىق رولى

كۆك پۇرچاق (豌豆) ئەسلىي ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرىدىن چىقىدىغان بولۇپ، كېيىن ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ئېلىمىزگە كىرگەن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئېلىمىزدە تېرىپ ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان.

يۇمران كۆك پۇرچاقنى كۆكتات ئورنىدا قورۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، ئۇرۇقنى پىشقاندىن كېيىن ئۇن تارتىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

ھازىر ئۆستۈرۈلىۋاتقان كۆك پۇرچاقنى ئاشلىق ئورنىدا ئىشلىتىلدىغان كۆك پۇرچاق ۋە كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان كۆك پۇرچاقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ. كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان كۆك پۇرچاق يەنە ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: بىرى، دېنى ئىشلىتىلىدىغان، قاسىراىقىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان كۆك پۇرچاق، يەنە بىرى، قاسىراقلىق مېۋىسى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆك پۇرچاق؛ باشقا بىرخىلى دېنىمۇ، قاسىراقلىق مېۋىسىمۇ ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆك پۇرچاقتىن ئىبارەت.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

كۆك پۇرچاق تەركىبىدە ۋىتامىنC، ۋىتامىنE بار بولۇپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداشقا پايدىلىق. دائىم كۆك پۇرچاق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يەنە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كۆك پۇرچاقنىڭ قۇۋۋەتنى نورماللاشتۇرۇش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، چىيقاننىڭزەھىرىنى قايتۇرۇش، سۈت كەلتۈرۈش ۋە ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار بولۇپ، مەقئەت يېرىلىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش، بالىياتقۇ چىقىقى قاتارلىق قۇۋۋەت يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشتىكى ئېسىل يېمەكلىكتۇر. بالا ئېمېتىۋاتقان مەزگىلدىكى ئاياللار كۆك پۇرچاقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە سۈت مىقدارى كۆپىيىدۇ.

كۆك پۇرچاق باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، بەش ئەزانى نورماللاشتۇرۇپ، ئۇرۇق ھاسىل قىلىدۇ، بىئاراملىقنى تۈگىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كۆك پۇرچاق تەركىبىدە لىزىن كۆپ، گۈرۈچ تەركىبىدە لىزىن كەمچىل بولغانلىقتىن، كۆك پۇرچاق گۈرۈچ بىلەن بىللە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىنسا، ئاقسىلنى ئۆزئارا تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

كۆك پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتا مول يېمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ يېمەكلىك تەييارلىسا، كۆك پۇرچاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى روشەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئەمما ھەزىم قىلىشى ياخشى ئەمەس كىشىلەر ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

كۆك پۇرچاق دېنى كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، قورساقنى ئېسىلدۇرۇپ، يەل پەيدا قىلىدۇ، سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئۇنى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۇنى ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى