ساغلاملىق

يېسى پۇرچاقنىڭ شىپالىق رولى

يېسسى پۇرچاق(扁豆) ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ يۇمران قاسىراقلىق مېۋىسى ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان شەكىلدە، كەڭ ھەم قېلىن، ھىلال ئايغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ياپىلاق ھەم سەل ئېگىلگەن ھالەتتە بولىدۇ.

يېسسى پۇرچاق سۇس سۆسۈن رەڭدە چېچەكلەيدۇ، دېنىنى ۋە قاسىراقلىق مېۋىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، چېچىكى، ئۇرۇق پوستىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يېسسى پۇرچاقنىڭ ئۇرۇقى ئاساسلىقى قىزىل، ئاق، قارا ئۈچ خىل بولىدۇ، قىزىل يېسسى پۇرچاق جىگەرنى تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى داۋالايدۇ. ئاق يېسسى پۇرچاقنىڭ ئېتى قېلىن، شەكلى ھىلال ئايغا ئوخشايدۇ، پۇرچاق دېنى ئاق رەڭدە، قايناتسا يۇمشاق پىشىدۇ، سەل تاتلىق كېلىدۇ، قورۇسا ئەۋرىشىم ھالەتتە بولۇپ، دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قارا يېسسى پۇرچاقنىڭ چۆرىسى قىزىل، ئىچىگە قاراپ ماڭغانسېرى رەڭگى سۇسلىشىپ بارىدۇ، قىزىل ئەمەس يەرلىرى قارا رەڭدە بولۇپ، ئېتى نېپىز، ئىنتايىن ئەۋرىشىم كېلىدۇ، سېغىزخاننىڭ پېيىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئاق سىزىقى بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

يېسسى پۇرچاق تەركىبى ۋىتامىنA، ۋىتامىنB، ۋىتامىنC، نىكوتېن كېسلاتاسى، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنىتلار بار.

يېسسى پۇرچاق تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئىسسىقنى بېسىپ، ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، زەھەرنى قايتۇرۇپ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، ئۇ تال-ئاشقازىنى ئاجىزلاشقان، ئىچى سۈرۈپ كەتكەن، تېنى ماغدۇرسىزلانغان، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغان، ئاق خۇن نورمالسىز كەلگەن ھەمدە ياز پەسلىدە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، دېمى سىقىلىش قاتالىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

يېسسى پۇرچاق يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغداشتا پايدىلىق، قان بېسىمىنى يەڭشەيدۇ، نەملىكنى تۈگىتىپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار.

يېسسى پۇرچاقنىڭ يىلتىزى چوڭ ئۈچەيدىن قان كېلىش، بوۋاسىز ئاقمىسى، سۆزنەككە شىپا بولىدۇ.

يېسسى پۇرچاق ئۇرۇق پوستىنىڭ تەمى، رولى يېسسى پۇرچاقنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۈنۈمى يېسسى پۇرچاقنىڭكىگە يەتمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ تال زەئىپلىشىش، ئىچ سۈرۈش، ئىششىق، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، نەملىكنى يوقىتىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

يېسسى پۇرچاق چېچىكىنىڭ ھۆللۈكنى يوقىتىش، ئىسسىقنى بېسىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئاساسىقى ياز پەسلىدە ئىسسىق ئۆتۈپ ئۆپكە ياللۇغلىنىش، قىزىش، ئىچى تىت-تىت بولۇش، كۆكرەك چىڭقىلىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

يېسسى پۇرچاق بولۇپمۇ تال-ئاشقازىنى زەئىپلەشكەن، كۆكرىكى چىڭقىلىپ، قورسىقى كۆپىدىغان، كۆڭلى ئېلىشىدىغان، خولېرا تۈپەيلىدىن ئىچ سۈرۈپ كەتكەن، ئىسسىق ئۆتۈپ ئۆپكىسى ياللۇغلانغان، چاڭقاپ كەتكەن، ھاراق ئىچىپ مەسىت بولۇپ قۇسقانلار، ئاق خۇن زىيادە كۆپ كېلىدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

يېسسى پۇرچاق تەركىبىدە قان ھۈجەيرىلىرىنى كاللەكلەشتۈرۈدىغان مادداــ ئاگگلوتىنىن بولىدۇ، ئەگەر يېسسى پۇرچاق چالا پىشقاندا ئىستېمال قىلىنسا، ھەمىشە باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېسسى پۇرچاقنى قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا سۇس ئوتتا ئاستا قاينىتىپ تولۇق پىشۇرۇپ، بۇ خىل زەھەرلىك ماددىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئاكتىپلىقنى يوقاتقۇزغاندىلا، ئاندىن خاتىرجەم، بىخەتەر ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ.

يېسسى پۇرچاق ئاسانلا ئادەمنى زەھەرلەپ قويىدۇ. يېسسى پۇرچاق يېگەندە زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى، قورۇما قورۇشتىن ئاۋۋال يېسسى پۇرچاقنى قىزدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۇسۇلى ئۈچ خىل: قايناق سۇغا بېسىش، بۇ ئۇسۇلدا يېسسى پۇرچاق قازاندىكى قايناۋاتقان سۇغا سېلىنىپ، چالا قاينىتىپ سۈزۈۋالغاندىن كېيىن سۇغۇق سۇغا چىلاپ سۈزۈپ ئېلىپ، ئاندىن قورۇما قورۇلىدۇ؛ قۇرۇق پېتى قورۇش، بۇ ئۇسۇلدا يېسسى پۇرچاق قىزىتىلغان قازانغا سېلىنىپ، قاسىراقلىرىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەنگە قەدەر قورۇلىدۇ؛ ياغدا داغلاش، بۇ ئۇسۇلدا يېسسى پۇرچاق قازاندىكى قايناۋاتقان ياغقا سېلىنىپ داغلىنىدۇ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ يېغى ساقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن قورۇما قورۇلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنى قوللانماي بىۋاسىتە قورۇغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇنراق ۋاقىت دۈملەپ پىشۇرۇش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندا بىخەتەررەك بولىدۇ. سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولغانلار يىسسى پۇرچاق ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.

يېسسى پۇرچاقنى بىر قېتىمدا كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا قورساق ئېسېلىپ، يەل كۆپ كېلىپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.

يېسسىيېسسى پۇرچاق دېنىنى قورۇما قورۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن سۇغا چىلاپ تولۇق كۆپتۈرۈش لازىم.

يېسسى پۇرچاق ئۇنىنى ئاغرىق ئورۇنغا قۇرۇق پېتى سۈرۈپ بەرسە، زەھەرنى قايتۇرۇپ، تېرىنى ئۆستۈرۈپ، يىرىڭلىق قاپارتقۇدىن كېلىپ چىققان پۈتۈن بەدەن شەلۋەرەشكە شىپا بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى