ساغلاملىق

گۈرۈچنىڭ شىپالىق رولى

گۈرۈچ كۆممىقوناق، بۇغداي بىلەن بىللە دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دانلىق ئاشلىق دەپ قارىلىدۇ، ئۇ ئاسىيا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىن چىقىدىغان ئاساسلىق ئاشلىقتۇر. شالنى تېرىپ ئۆستۈرۈش ئاسان، گۈرۈچنىڭ تەمى ياىشى، تاماق ئېتىش قولايلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى ئەرزان، شۇڭا ئۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغان. 

گۈرۈچ يۇمىلاق گۈرۈچ، سوقىچاق گۈرۈچ، نومى گۈرۈچى(يېپىشقاق گۈرۈچ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە بەزى مىنېرال ماددىلار بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئاشقازان-تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار. گۈرۈچ ئىستېمال قىلىش ئادەم بەدىنىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىۋېتىش، بەدەننى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بوشاشتۇرۇشقا پايدىلىق. 

گۈرۈچنىڭ تېرىنى ئاقارتىش رولى بار، ئاياللاردىكى ھەيىزدىن بۇرۇن تەشۋىشلىنىش، بىئارام بولۇش، جىددىيلىشىش، ھېسىياتى نازۇك بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تويماسلىق ۋە ئەمچىكى ئاغرىش، بېشى ئاغرىش قاتارلىق ھەيىزدىن بۇرۇنقى يىغىندى ئالامەتلەرگە قارىتا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. شوۋىگۈرۈچ ئۆتكۈر، سوزۇلما ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى قەۋزىيەتنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

گۈرۈنى ھوردا دۈملەپ پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ، شوۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ، ھوردا دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن قورۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ. 

نۇرغۇن كىشىلەر گۈرۈچ تامىقى (گاڭپەن) يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما گۈرۈچ تامىقى ئېتىشتە گۈرۈچنى يۇيۇشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، گۈرۈچنى يۇيۇش قېتىم سانى قانچىكى كۆپ، سۇغا چىلاپ قويۇش ۋاقتى قانچىكى ئۇزۇن بولسا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يوقىلىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا گۈرۈچنى يۇيۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك.

ئادەتتىكى گۈرۈچ تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنC ۋە يود قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۆرۆر لازىملىق تەركىبلەر كەمچىل بولىدۇ، شۇڭا كۆكتات ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 

يېڭى شالدىن ئاقلانغان گۈرۈچ ياشانغانلار ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ياشانغانلار ۋە ئاغرىقلارغا يېڭى گۈرۈچ يېگۈزمەسلىك كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى