سۈيدۈكتە قان ئۇيۇش
سۈيدۈكتە قان ئۇيۇش بولسا: قان سىيىش كېسەللىكىرىن كېيىن ياكى مەسانىغە تاياق تەككەن ۋە يىقىلغاندىن كېيىن يۈز بىرىدىغان بىرخىل كېسەللىك ئالامىتىدىن ئىبارەت.
ئاساسلىق ئىپادىللىرىدىن: ھوشىدىن كېتىش، ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇش، تومۇرى ئىنچىكە، تىز چۆكمە ھالەتتە سوقۇش، قول-پۇتلىرى سوغۇق، بەدەن تىترەش قاتارلىقلار بۇخىل كېسەللىكنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.
داۋالاشتا: سۈيدۈكتىكى قاننى ئېرىتىش مەقسىتىدە چارە قىلىنىدۇ. ناۋادا سۈيدۈكلۈكتىكى قان ئېرىمىسە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ئۇششاق تاشلارنى ئەزگۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم. پەقەت ئامال بولمىغاندا ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق قان نوكچىسىنى ئېلىۋېتىش لازىم.
غىزاسىغا: قارا نۇقۇت، قەۋزاق دارچىن قاتارلىقلارنى سېلىپ تەييارلانغان توخو، باچكا شورپىلىرىنى بېرىش پايدىلىق.