ساغلاملىق

بۆرەك ئورۇقلاش

تونۇش: بۆرەك ئۇرۇقلاش-بۆرەكنى قاپالاپ تۇرغان مايلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەش،ئۇرۇقلاش،ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بوزۇلىشى ئۇزۇن داۋاملىشش، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق بولۇشى، سۈرگە ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن بۆەكتە ئارتۇق ئىستىپراخ يۈز بېرىپ بۆرەك ياغلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ.

ئالامىتى: مىزاج بۇزۇلغانلىق ئالامەتلەر ئېنىق كۆرۈلىدۇ. يەنى ئىسسىقتىن مىزاج بوزۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان بولسا تومۇرى تېز ئىنچىكە سالىدۇ. سۈيدۈكى قىزۇچ سېرىق پۇراقلىك كېلىدۇ. بۆەك ئۇدۇلى قىززىق بىلىنىدۇ. كۆپ ئۇسسايدۇ، سوغۇقتىن مىزاج بوزۇلۇشتىن بولغان بولسا سۈيدۈك مىقدارى كۆپ، رەڭگى ئاق بولۇپ، بۆرەك ئۇدۇلى سوغۇق بىلىنىدۇ. جىنسىي ئالاقە كۆپ بولغانلىقتىن بولسا سۈيدۈك مىقدارى كۆپ رەڭگى ئاق بولۇپ ئاغرىتىپ كېلىدۇ، بەل ئاغرىيدۇ، جىنسىي قابىلىيەت تۆۋەنلەيدۇ. باش ئاغرىيدۇ،كۆز تورلىشىدۇ،چىراي تاتىرىدۇ،بارغانسېرى تىرىلەر قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇنۇتقاقلىق كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ئومومى بەدەننى قۇۋەتلىگۈچى، سۈت مەنىي كۆپەيتكۈچى، ئۇمۇمى بەدەننى سەمىرىتكۈچى، بۆرەكنى سەمىرتىپ كۈچلەندۇرگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى