ساغلاملىق

بۆرىكىڭىزدە مەسىلەر بارمۇ يوق ؟

1. ئازراق سۈيدۈكىڭىزنى بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇغا قويسىڭىز، ئەگەر سۇ يەنىلا سۈزۈڭ بولسا، ساغلام ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر دۇغلىشىپ قالسا ياكى ئۈستىدە ماي لەيلەپ قالسا، كۆپىنچە بۆرەك زەئىپلېكىنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ؛

2. سۇنى نورمال ئىچكەن شارائىتتا كېچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق سىيگىلى چىقسىڭىز؛

3. سۈيدۈك كۈچسىز، تېمىپ چۈشسە؛

4. ئەتىگەن تۇرغاندا كۆز-قاپاقلىرىڭىزنى ئىششىپ قالغان بولسا؛

5. ئېغىر بىر نەرسە كۆتۈرمەي، بىنانىڭ ئۈچ قەۋىتىگە چىقىپ بولغىچە ئىككى پۇتىڭىزدا جان قالمىسا؛

6. ئورۇندۇقتا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپ، تېلېۋىزور كۆرگەندە بېلىڭىز ئاغرىسا؛

7. ئاشخانىدا تاماق ئېتىپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۆرە تۇرسىڭىز، ئىككى پۇتىڭىز تېلىپ كەتسە؛

8. ھەمىشە كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ياتقىڭىز كەلسە، مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشنى ياقتۇرمىسىڭىز، دىققىتىڭىز چېچىلىپ تۇرسا؛

9. چېچىڭىزنى يۇغاندا كۆپ چۈشۈپ كەتسە؛

10. كۆپ چۈش كۆرسە، چۈشىدە ھەم بەك ھارغىنلىق ھېس قىلسا، سەھەردە تۇرغاندا جانسىزلىق ھېس قىلسا؛

11. شامالدۇرغۇچ ئاستىدا ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىپ قويۇپ ئۇخلاپ، ئورنىدىن تۇرغاندا بېلى ئاغرىپ ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلسا؛

12. خەت يازغاندا ھەمىشە سۆز چۈشۈرۈپ قويسا ياكى خاتا يېزىپ سالسا؛

13. تېنى ئاجىزلاپ قالسا، كېچىدە ئۇخلىمىسا بولالماي قالسا؛

14. كۆپ ئۇيقۇسى كەلسە، لېكىن ئۇخلىيالمىسا، ئۇخلىغاندىمۇ قېنىپ ئۇخلىيالماي، تولا ئويغىنىپ كېچىدە رادىئو ئاڭلايدىغان ياكى كىتاب ئوقۇيدىغان ئادىتى بولسا؛

15. كۆزى تېز ئاجىزلاپ كېتىپ، بىردەم كىتاب ئوقىسا ياكى تېلېۋىزور كۆرسە، كۆزى چىڭقالسا؛

16. دېمەكچى بولغان گېپى ئېغىزىنىڭ ئۈچىدىن قېچىپ كېتىپ تاپالمىسا، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالسا.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى