بۆرەككە تاش چۈشۈش سەۋەبلىرى
1. بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش تەرتىپىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، يەنە بۆرەككە سوغۇق ئۆتۈش، يەللىك تاماقلارنى كۆپ يېيىش، تولا يېتىۋېلىش، بىر جايدا ئۇزاق ئولتۇرۇش، كۆپ ئۇخلاش، ھەرىكەت ئاز بولۇش ۋە باشقا يۇقۇملىنىش، قاندىكى ياغ تەركىبىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ، قۇۋۋەتلىك ، تەستە ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن بۆرەككە تاش چۈشىدۇ .
2. قەنت، شېكەر، ناۋات، ھەسەل، مۇراببا ، كەمپۈت قاتارلىق تاتلىق ۋە شىرنىلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن بۆرەككە تاش چۈشىدۇ .
3. بەدەندە يىغىلىپ قالغان سۇيۇقلۇقلار بەك قويۇق ھەم يېپىشقاق بولسا، بۆرەكتە تاش پەيدا بولىدۇ، يىغىلىپ قالغان سۇيۇقلۇق ماددىلار بەك قويۇق بولمىسا، قۇم ھاسىل بولىدۇ.
4. ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تۈنەش، تاماقنى يەپلا ئۇخلاش، كەچتە تاماقنى كۆپ يېيىشتىنمۇ بۆرەككە تاش چۈشىدۇ.