ساغلاملىق

بۆرەك يىرىڭلىق ئىششىقى

تونۇش: بۆرەك يىرىڭلىق ئىششىقى-بۆرەك توقۇلمىلىرى ئىچىدە ئۇششاق يىرىڭلىق نۇقتىلار ياكى توپلاشقان يېرىڭ خالتىسى پەيدا بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: بۆرەك مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زەئىپلىشپ،بۆرەككە ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ ئۇلار مىكروپلار بىلەن يۇقۇملانغانغاندىن كېيىن يىرىڭداپ، يىرىڭلىق يارا شەكىللەندۈرىدۇ. بەزىدە بۆرەككە سىرتىدىن زەربە تېگىش، يېقىلىش تۈپەيلىدىن بۆرەك زەخىملىنىپ ئۇلار يۇقۇملىنىپ بۆرەكتە پەيدا بولغان يارىلار  ئېغىرلىشىش قاتارلىق ئامىللار بۆرەكتە كۆپ ئۇرۇندا ئۇششاق يېرىڭلىق خالتىلار ياكى چوڭراق كۆلەملىك يېرىڭلىق خالتا پەيدا بولىدۇ 

ئالامىتى: بۇ كېسەللىكتە بۆرەكنىڭ ئۇدۇلىدا قۇۋۇرغىنىڭ ئىچكى قىسمىغىچە ئاغرىقسىز ئېغىرلىق ۋە تېلىش بولىدۇ. بەل ۋە بۆرەك ساھەسى ئاغرىيدۇ. سۈيدۈك تەكشۈرگەندە سۈيدۈكتە يېرىڭ، قان، ئۇششاق گۆش پارچىلىرى تېپىلىدۇ. سۈيدۈك سېسىق بەتبۇي كېلىدۇ. ئۇسسۇزلۇق ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك تامچىلاپ قان ئارىلاش كەلسە بۆرەكتىكى قان تومۇردىن بىرەرسىنىڭ ئۇزۇلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر تاشنىڭ قوزغىلىشىدىن زەخىملەنگەن بولسا سۈيدۈك قىچېشىش ئارىلاش ئېچىشىپ كېلىدۇ.

 داۋالاش پىرىنسىپى: يېرىڭنى تازىلىغۇچى، ئىششىقنى قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، جاراھەت پۈتتۈرگۈچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئومۇمىي بەدەن ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى