ساغلاملىق

سۈيدۈك ئازىيىش ئېغىر كېسەلنىڭ ئالامىتى

ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ سۈيدۈكى ھەر كۈنى 1500 ــ 2500 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر 500 مىللىلىتىرغا چۈشۈپ قالسا، سۈيدۈك ئازىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھېسابلىنىدۇ. مېدىتسىنادا سۈيدۈك ئازىيىش بىر قىسىم كېسەلنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ.

1. بۆرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى: ئادەم جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك ئۆسمىسى، بۆرەك تۇبېركۇلوزى، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ سۈيدۈك ئازلاپ كېتىدۇ.

بۇنداق كېسەللىك سەۋەبىدىن سۈيدۈك ئازىيىپ كەتكەندە، كېسەللىك ئاللىقاچان ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.

2. بۆرەككە كىرىدىغان قاننىڭ ئازلاپ كەتكەنلېكىنىڭ ئالامىتى: ئادەم يارىلانغاندا قان كۆپ ئېقىپ كېتىپ، شوك بولۇپ قېلىش، يۈرەك زەئىپلىشىش، ئېغىر دەرىجىدە سۇسىراپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، بۆرەككە ئېقىپ كىرىدىغان قان كۆرۈنەرلىك ئازلاپ، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، سۈيدۈك ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا قان بېرىش، يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى سۇيۇقلۇقىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق قان بېسىم، قان سىغىمچانلىقىنى نورماللاشتۇرۇپ، سۈيدۈكنىڭ نورماللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

3. سۈيدۈك يولى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقنىڭ ئالامىتى: سۈيدۈك يولى ياكى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇپ قالسا، سۈيدۈك ئازىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىلمىسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

بەزىدە دوۋساقتا تاش پەيدا بولۇش، سۈيدۈك يولى تارىيىش سەۋەبىدىنمۇ ئادەم سىيەلمەي قالىدۇ، لېكىن بۇ ھەقىقىي سۈيدۈك ئازىيىش ئەمەس، مېدىتسىنادا بۇ «ساختا سۈيدۈك ئازىيىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

سۈيدۈك ئازىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دەرھال داۋالىنىش كېرەك. بولمىسا كېسەل ئېغىرلاپ، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى