ساغلاملىق

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى

تونۇش: ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى بۆرەكنىڭ جىددى ياللۇغلىنىشى ئادەتتە بۆرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بۆرەكنىڭ جەۋھەر قىسمى، يەنى بۆرەك شارچىلىرى ۋە ئەگرى نەيچىللىرى ياللۇغلىندىغان، سۈيدۈك چىقىرىش خىزمىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ پۈتۈن بەدەندە سۇلۇق ئىششىق يۈز بىردىغان بىر خىل ئومۇمىي بەدەنلىك كېسەللىكتۇر.

سەۋەبى: پۈتۈن بەدەن سوغوقتا قېلىپ ياكى بۆرەك ساھەسىگە سوغوق ئۈتۈپ ياكى يۇقۇملۇق قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مەسلەن، ئۈچەي كېزىكى، قىزىل، چېچەك، بەزگەك، خولىرا، سەرسان، بوغما ۋە بىر قىسىم تىرە كېسەلىكلىرى بىلەن ئاغرىپ، پۈتۈن بەدەن ئاجىزلاپ تۇرغان پەيىتتە خىناق ( ئانگىنا-بۇغۇز ياللۇغى)، بادامچە بەزلەر ياللۇغى، يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن ئاغرىپ قان يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ياكى سەپراۋى قان بۆرەككە تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭدا مەلۇم غىدىقلىنىش پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئۈچ ھەپتە ئارلىقىدا قايتا يۇقۇملىنىش يۈز بەرسە، بۆرەك ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش بارلىققا كېلىدۇ. بەزى جەرراھىيە ئەمەلىيەتلىردىن قارىغاندا، باكتىرىيەنىڭ قان ئارقىلىق بۆرەككە كېلىپ قېلىشىدىنمۇ بۆرەك ياللۇغلىنىدۇ. تەمرەتكە، تىلما قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندىن كېيىنمۇ بۆرەك ياللۇغلىنىشى مۇمكىن.

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى كۆپۈنچە قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان باكتىرىيە تەرپىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ئېرسىي كېسەللىك ئەمەس، ئەمما ئائىلىدە بىر كىشى بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىسا، شۇ ئائىلىدىن بىر قانچە كىشى ئاغرىيدىغان ئەھۋالارمۇ كۆرۈلىدۇ.

ھەممىگە ئايانكى، سوغوق ۋە ھۆل-يىغىن كۆپ مەۋسۈملەردە، زەيلىك ۋە كىشلەر  زىچ توپلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان مۇھىتتا ھەمدە ئېغىر جىسمانى ئەمگەكتىن زىيادە چارچىغان پەيىتلەردە يۇقۇرقى نەپەس يوللىرنىڭ كېسەللىكلىرى ئاسانلا پەيدا بولىدۇ ۋە تارقىلىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىمۇ دەل شۇنداق پەسىل ۋە پەيىتلەردە سادىر بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قېنىق چايلارنى كۆپ ئىچىش، ئىسسىقلىق يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىقلىق دورىلارنى ئىستىمال قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق جايلاردا يۈرۈش قاتارلىقلارمۇ ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.

كېسەللىك ئىپادىلىرى: ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئىپادىلىرى ھەمىشە جىددى باشلىندۇ. ئەگەر ئۇزاققىچە ساقايمىسا سوزۇلما شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ. كېسەل كىشىنىڭ بەدىنى قىزىيدۇ، بېشى ئاغرىيدۇ. ئۇيقۇسىزلىق، ئۇسۇزلۇق يۈز بىرىدۇ. سىيگەندە ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. پات-پات سۈيدۈك قىستايدۇ. بۆرەك ئورنىدا ئېغىرلىق ھېس قىلىدۇ. قۇسسا سەپرا قوشۇلۇپ سېرىق ناھايىتى سېسىق قۇسىدۇ. ئالدى-ئارقا تەرەت تەسلىكتە كېلىدۇ. ئەگەر بۇزۇق قان تۈپەيلىدىن بۆرەك ئىشىغان بولسا ئاغىرىش زىيادە بۇلىدۇ.

ئەگەر سەپرادىن ئىشىغان بولسا، ئۇسسۇلۇق تولا بولىدۇ. چوڭ تەرەت سېرىق كېلىدۇ ۋە سەپرا ماددىسى ئېشىپ كەتكەنلىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بەزىدە بۆرەكنىڭ ياللۇغى ئېغىر بولغانلىقتىن قاتتىق ئاغرىپ، ھوشىدىن كەتكۈزىشىمۇ مۇمكىن.

بۆرەكنىڭ ياللۇغلىنىشىدا بۆرەكتە تاش تۇرۇش، تاياق تىگىش، يېقىلىش ياكى ئېغىر بىر نەرسىنى بىلىگە تېڭىپ يۈرۈش، بۆرەك ئۇدۇلغا داۋاملىق سوغوق تەسىر قىلىش، ياكى ھەمشە سۈيدۈك قىستىغان چاغدا تەرەت قىلماي قىسىۋېلىشلارنىڭ ئالاھىدە تەسىرى بولىدۇ، بۇنداق چاغلاردا قىزىتما يۇقۇرى ۋە داۋاملىق بولىدۇ. تەشنالىق كۈچلۈك، بۆرەك ساھەسىدە ئېغىرلىق بولىدۇ. تومۇرى ئىنىچكە سالىدۇ. ئەگەر ياللۇغ بۆرەكنىڭ ئۆزىدە بولسا، ئاغرىق بىر يەردە بىلىنىدۇ. ئەگەر بۆرەك پەردىسىدە بولسا بۆرەكنىڭ يۇقىرى تەرىپى قاتتىق ئاغرىيدۇ. بېلىنى تۈزلىيەلمەيدۇ. چۈشكۈرەلمەيدۇ. ئوڭدا يېتىش ئەپلىكرەك تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىش ئوڭايراق بولسا، جىگەرگە يېقىن بولسا، ياللۇغنىڭ ئوڭ بۆرەكتە، ئەگەر ئاغرىق دوۋسۇنغا يىقىن جايدا بىلىنسە ياللۇغ سول بۆرەكتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ. ھەر ئىككى بۆرەك ياللۇغلانغاندا، ھەر ئىككى ئىنىچكە بەل ئاغرىيدۇ. مەڭزى قىزىرىپ، كۆزلىرى پولتىيىپ چىقىپ قالىدۇ. سۈيدۈكىنى تەكشۈرگەندە چۆكمە، تېرە پوستى ۋە قان پارچىلىرنى كۆرگىلى بولىدۇ. كېسەل ئۆتكۈر باسقۇچقا يەتكەندە سۈيدۈك پەقەت كەلمەيدۇ. ئىچكى ئەزانى سۇ قاپلاپ پۈتۈن بەدەن ئىششىپ كېتىدۇ.

داۋالاش: بۇ خىل بۆرەك ياللۇغىدا پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغلارنى ھەيدەپ بۆرەككە يىغىپ، كېسەللىكنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، داۋالاشنىڭ دەسلىپىدە كۈچلۈك سۈيدۈك ھەيدەيدىغان دورىلارنى، كۈچلۈك سۈرگۈلەرنى بەرمەي، ئالدى بىلەن شەربەت دورىلار بىلەن ماددىنىڭ قۇيۇقلىقىنى تەڭشەش، ئاندىن ھەمەل قىلىپ ئۇلارنى بەدەندىن چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.

مەسلەن: ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، تەرخەمەك ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، زىغىر، ئارپا سۈيى، گۈل يېغى، پۇنۇسلاردىن سۈرگە ياكى ھۆقنە دورىسى راسلاپ ئىشلىتىلسە بۆرەك ياللۇغىدا ئۈنۈمى ياخشى.

ئاندىن بىنەپشە شەربىتى، نىلۇپەر شەربىتى، بىھى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، ئسپىغۇل شىرىسى، ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسىنى ئىچىشكە بىرىش لازىم. ئارپا ئۇنىنى شوخلەك سۈيىدە ئېزىلگەن سەندەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، ئاغرىق تەرەپتىكى بۆرەك ئۈستىگە سىرىتتىن چاپسا ئىششىقنى ياندۇرۇشقا يادەم بىرىدۇ.

ئەگەر كېسەل كىشى قەۋزىيەت بولسا، ئانار سۈيىگە پۇنۇسنى چىلاپ تاتلىقىنى چىقىرىپ، بادام يېغى، تەرەنجىۋىل قۇشۇپ بېرىش كېرەك.

بىنەپشە شەربىتىنىڭ نۇسخىسى: تەركىبى: بىنەفشە 30 گىرام، نىلۇپەر15 گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 12 گىرام، چىلان 15 گىرام، شوخلا 15 گىرام، سەۋسەن يىلتىزى 5 گىرام، كاكىنەچ 3 گىرام، شېكەر 300 گىرام.

ياسىلىشى: گۈل دورىلاردىن باشقىسىنى تۆت چىنە قايناق سۇغا 3 سائەت ئەتراپىدا چىلاپ، ئىككى چىنە قالغۇچە قاينىتىپ ئاخىردا گۈل دورىلارنى سېلىپ، 10 مىنۇت قاينىتىپ سۈزىۋېلىپ، شېكەر سېلىپ قىيام قىلىنىپ پاكىز شىشە قاچىدا ساقلىندۇ.

تەبئىتى: سوغوق.     ئىشلىتىش مىقدارى: بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ 15~30 گىرامغىچە ئىچىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى