ساغلاملىق

تال كېسىلى

تال ئادەمنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان بىر ئەزا بولۇپ، بۇ گۆشتىن ھاسىل بولغاندۇر. تالدا كۆك قان، قىزىل قان تومۇرلىرى بار. تال ئاشقازانغا چاپلاشقان ھالەتتە تۇرىدۇ. تالنى يۆگەپ تۇرغان پەردە تالغا سەزگۈ پەيدا قىلىدىغان پەردىدۇر، تالدا جىگەر تەرەپكە ئېچىلغان بىر نەيچە بولۇپ، جىگەردىن سەۋدانى (قۇرۇق سوغۇق سويۇقلىقى)نى تارتىپ تۇرىدۇ. تالنىڭ ئىچىدە ئاشقازانغا بارىدىغان بىر تۆشۈك بار بولۇپ، بۇ نەيچە تومۇر ئارقىلىق ئاشقازانغا سەۋدا تۆكۈلۈپ تۇرۇش ئارقىلىق ئىشتىھا پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇ تال بىلەن ئاشقازان ئوتتۇرسىدىكى يولغا توسالغۇ چۈشسە مالىخۇلىيا (ساراڭ)، جۇزام، بەھەق، دائىل پىل قاتارلىق سەۋداۋى (قۇرۇق سوغۇق) كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.  ئەگەر جىگەرنىڭ سەۋدانى تالغا ئۆتكۈزگۈچى يولىغا توسالغۇ چۈشسە، تالغا سەۋدا بارالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن تال ئىششىيدۇ ھەم تاماققا ئىشتىھا بولمايدۇ. ئەگەر تالدىن ئاشقازانغا سەۋدا كۆپ مىقداردا بارسا ئىت ئاچلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر تالدىن ئاشقازانغا سەۋدا كەم بېرىپ قالسا، كۆڭۈل ئاينىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ھەددىدىن زىيادە سەۋدا ئاشقازانغا قويۇلسا، قەي پەيدا قىلىدۇ. چۈچۈمەل سۇ ياندۇرىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى