ساغلاملىق

مېڭە قاناش

مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى ئىچىدە مېڭە قاناش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى دۆلىتىمىزدە بىر قانچە خىل كېسەللىكلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. كلىنىكىلىق تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە، مېڭىسىگە قان چۈشكەن%90تىن ئارتۇق بىمارلاردا كېسەللىك يۈز بېرىشتىن خېلى يىللار بۇرۇنلا مېڭە قان بېسىمى ۋە ئارتېرىيە قان تومۇرى قېتىش كېسەللىك تارىخى بار ئىكەن. ئۇزاق مۇددەت قان بېسىمى ئۆرلەش ۋە يېشى چوڭىيىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، قېتىپ كەتكەن مېڭە ئۇششاق ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ دىۋارىدا مۇسكۇل قاتلىمى قان، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن چوڭ كىچىكلىكى تېرىقچىلىق كېلىدىغان ئۆسمىنىڭ چوڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمى ھاياجانلىنىش،كۈچەش قاتارلىق سەۋەبلەر ئارقىلىق ئۇشتۇمتۇت مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆرلەپ ۋە مىكرو ئارتېرىيە قان تومۇرى دىۋارىنىڭ بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسى ئېشىپ كېتىپ، مېڭىگە قان چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. ئارتېرىيە قان تومۇرى قاتقان، يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى قەنت كېسىلى،يۇقىرى قان يېغى،، يۇقىرى ئوخشاش تىپلىق سىستېئىنلىق قان كېسىلى، يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى، ئائىلىسىدە مېڭە قاناش تارىخى بولغان بىمارلاردا ئاسانلا مېڭە قاناش يۈز بېرىدۇ.
كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى: كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى مېڭە قاناشنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەب، كىلىنىكىدا بايقىلىشىچە، زور كۆپ ساندىكى مېڭىسىگە قان چۈشكەن بىمارلاردا كېسەللىك يۈز بېرىشنى ئىلگىرى كەيپىيات جەھەتتە ھاياجانلىنىش تارىخى بار بولۇپ، ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىش، كۆڭلى ئازار يېيىش، خۇشال بولۇش، قورقۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بەزى كىشىلەر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ كلىنىكىدا %30گە يېقىن بىمارنىڭ خاپا بولۇش، كەيپىيات جەھەتتە ھاياجانلىنىش نەتىجىسىدە مېڭىسىگە قان چۈشكەنلېكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇنىڭ سەۋەبى ئاساسەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەيپىياتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ ھاياجانلىنىشىنى قوزغاپ، يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى تۇيۇقسىز ئۆرلىتىۋېتىپ، ئاجىز، چۈرۈك قان تومۇر ئېتىلىپ مېڭە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھاراق ئىچىش: ھاراق ئىچىشمۇ مېڭە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە بىر خىل ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھاراقنى مەست بولغىچە ئىچكەندە قان بېسىم ئۆرلەش ياكى قاننىڭ ئېقىش مېخانىزمىدا ئۆزگىرىش بولۇش ۋە مېڭە قان ئېقىمى ئىتتىكلەپ كېتىش ئارقىلىق مېڭىگە قان چۈشىدۇ.
زىيادە قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش: قىزىق سۇدا يۇيۇنغاندا قان تومۇرلار كېڭىيىپ، مېڭە قان ئېقىمى تېزلىشىشتىن مېڭە قاناش يۈز بېرىدۇ.
تاماكا چېكىش: ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش ئارتېرىيە قان تومۇرنىڭ قېتىشنى تېزلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ چۈرۈكلېكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا،كۆپ مىقداردا چەككەن تاماكا يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرى ۋە نېرۋا قاتارلىق سىستېمىلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، مېڭە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قورساقنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىش: يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قەۋزىيەت كېسىلى بالىلار تەرەت قىلغاندا كۈچەپ ئىنجىقلىسا، قورساققا بولغان بېسىمى بىراقلا ئۆرلەپ كېتىپ مېڭە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«ئا» تىپلىق مىجەزلىكلەر: بۇ تەرسا مىجەزلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق مىجەزى بار كىشىلەرنىڭ مېڭىسىگە ئوڭاي قان چۈشىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا مىجەزدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
تۇزغا ئامراق ئادەملەر: تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش يۇقىرى قان بېسىمىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل بولۇپ، مېڭە قاناشنىڭ پۇرسىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
گەرچە مېڭە قاناش ئىنتايىن ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان بولسىمۇ،لېكىن تەپسىلىي كۆزىتىدىغان بولساق، بىر قىسىم بىمارلاردا كېسەللىك يۈز بېرىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ياكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېغىر-يېنىكلىكى ئوخشاپ كەتمەيدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بار ئوتتۇرا ياش، ياشانغان بىمارلارنىڭ تۇيۇقسىز بېشى ئاغرىسا ياكى بىردەم بىردەم ئاغرىشتىن ئۆزگىرىپ داۋاملىق ئاغرىسا، تۇيۇقسىز بېشى قېيىپ كەتسە ياكى بېشى قېيىشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلىشىپ كەتسە، پۇت قولىنىڭ بىر تەرىپى ياكى باش يۈز قىسمى ۋاقتىنچە ئۇيۇشۇپ قالسا، ماغدۇرسىزلانسا ياكى يۈرۈش تۇرۇشى قولاشمىسا، تىلى قاتتىق بولۇپ گەپ سۆزنى ئېنىق قىلالمىسا، قان بېسىمى تۇيۇقسىز داۋاملىق ئۆرلەپ كەتسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى