ساغلاملىق

ھاراق تاماكا ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ

ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى نىكوتىننىڭ تەسىرىدىن بولىدىكەن. چۈنكى، ھاراقكەشلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چېكىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئوخشاش بىر رايوندىن كەلگەن 172 نەپەر ئەرنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ئۆلچەش سىنىقى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 103 نەپەر ئەر  ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار ئىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار بىلەن تاماكىنى كۆپ چېكىدىغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى  ۋە ئۇنىۋېرسال ئىگىلەش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان. گەرچە نۇرغۇن تاماكا چەككۈچىلەردە تاماكا چەككەندىن كېيىن تېتىكلىشىش ۋە زېھنى تېخىمۇ مەركەزلىشىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلسىمۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتلىق ھادىسە بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى يەنىلا كۆپ بولىدىكەن.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى