ئىستىرخا (پەي – مۇسكۇللار بوشىشىپ كىتىش)
ئىستىرخا (پەي – مۇسكۇللار بوشىشىپ كىتىش)
تۇنۇش: «ئىسترخا» ئەرەبچە سۆز بولۇپ ، «بوشاپ كىتىش»، ساڭگىلاپ كىتىش. دىگەن مەنىنى بىلدۇرىىدۇ، بۇ بەدەننىڭ سەزگۇ ۋە ھەركىتنى ئىدارە قىلىدىغان مىڭە ياكى يۇلۇن ئەسەبلىرىنىڭ بىر ياكى بىر قانچە شاخچىسىغا زەخمە يىتىپ، بىر ياكى بىر قانچە ئەزانىڭ سىزىمى تامامەن يوقالغان ياكى سۇسلاشقان كېسەللېكىنى كۆرسىتىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى: بۇ كېسەللىك ئۇمۇمەن ئىككى خىل چوڭ سەۋەپتىن بولىدۇ.
1) كىسىلىش، بىسلىش، ئۇرۇلۇش، قاتارلىق سىرتقى زەخمىلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
2) ئەزالار خىزمىتى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى: ئەگەر ئىستىرخا نىرۋىلار ئۇزۇلگەندىن بولغان بولسا، ئالامىتى يۇشۇرۇنراق بولىدۇ.لېكىن شۇ خىل ھادىسىدىن كيىنلا ئەزا سۇسلىشىدۇ. ئەگەر ئۇرۇلۇش، سۇقۇلۇش ھادىسىسى سادىر بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كيىن يۇز بەرگەن بۇشىشىش نىرۋىلاردا ئىششىش پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۇرىىدۇ. نىرۋىلاردا ياللۇغلىنىش، ئىششىش سەۋەبىدىن بولغان ئىستىرخادا قىزىتما يۇقىرى، ئاغرىش كۈچلۇك بولىدۇ، سۇغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولغان بولسا، ئاغرىق ۋە قىزتما تۇۋەنرەك بولىدۇ.