ساغلاملىق

باش ئاغرىش

باش ئاغرىش

باش ئاغرىش ئاساسلىقى باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، ھەتتا بۇنىڭغا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ. باش ئاغرىشتىن قۇتۇلماق ناھايىتى تەس بولۇپ، ئۇ توساتتىن پەيدا بولۇشى، يەنە توساتتىن غايىب بولۇشى مۇمكىن، لېكىن داۋالىناي دېسە كېسەللىك سەۋەبى كۆپىنچە ئېنىق بولمايدۇ.

بىراق باش سۆڭىكى زەخىملىنىش، بويۇن ئومۇرتقىسى زەخىملىنىش، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، تۇغما خاراكتېرلىك قان تومۇر كەمتۈكلۈكتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىشلاردىن باشقا، باش ئاغرىشتىن قۇتۇلۇشنى ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش داۋامىدا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 

باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ، تاماكا،ھاراق، ئەتىر، شاۋقۇن، كۈچلۈك نۇر، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، كۈچ ئىشلىتىش زىيادە تېز بولۇش؛ ئاسانلا باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، پىشلاق، شاكىلات، تېتىنقۇ، تۇزلانغان يېمەكلىكلەر قاتارلىقلارغا بېشى ئاغرىيدىغانلار يېقىن يولىماسلىقى لازىم. مۇز يېگەندە باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئاستا يېيىش لازىم. 

بۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ ۋاخ تاماقنى قانۇنىيەتلىك يېيىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى قان شېكىرى تۆۋەنلىكمۇ باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر. ھالبۇكى بەزىلەر مەلۇم يېمەكلىكلەرگە قارىتا ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، مەيلى بولكا، گۆش، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، پېچىنە-پىرەنىك بولسۇن، ھەممىسىلا باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئالدىدا يېگەن نەرسىلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇپ باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالسا بولىدۇ. ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارغا تايىنىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەر، ئادەم بەدىنىدە دورىغا تاقابىلچانلىق پەيدا بولىدىغانلىقتىن بارا-بارا دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ-دە، كېيىنچە باش ئاغرىقى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا

نىكوتىن كىسلاتاسى، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن  C، ۋىتامىن E، كالتسىي، ناترىي، ماگنىي.

كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

تەركىبىدە ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەر: ماش ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

تەركىبىدە ۋىتامىن E مول يېمەكلىكلەر: بۇغداي ئۈندۈرمىسى، يىرىك گۈرۈچ، پالەك، قارىغاي ئۇرۇقى، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلار. 

تەركىبىدە B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار مول يېمەكلىكلەر: دانلىق ئاشلىق، ئېچىتقۇ، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، سۈت قاتارلىقلار. 

تەركىبىدە ماگنىي مول يېمەكلىكلەر: قۇرۇتۇلغان خەيدەي، شىمىشكا، كاۋا ئۇرۇقى، كۈنجۈت تېز ئېرىيدىغان قەھۋە قاتارلىقلار.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى