ساغلاملىق
مېڭە قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى
1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى قىسقا مۇددەتلىك ياكى پۈتۈنلەي تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .
2. كۆز تويۇقسىز قاراڭغۇلىشىش ياكى نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ ، بۇ خىل ھالەت نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ .
3. ئادەتتىكى ئەھۋالدا باش قايىدۇ ، ئېغىرراق بولغاندا ھوشىدىن كېتىدۇ ھەم تېزدىن ھوشىغا كېلىدۇ .
4. پۇت – قوللار قىسقا مۇددەت ئۇيۇشىدۇ ياكى ماغدۇرسىزلىنىدۇ ، قولدىكى نەرسىلەر ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ .
5. تۇيۇقسىز سۆزلىيەلمەي ياكى ئېنىق سۆزلىيەلمەي قالىدۇ ، بۇ خىل ئەھۋال تېزدىن ئەسلىگە كېلىدۇ .