ساغلاملىق

چوڭ مېڭىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟

شىنخۇا تورى خەۋىرى، چوڭ تەخمىنەن 14 مىليارد دانە ھۈجەيرىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1400 گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 2-3 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ھەجمى 2200 كۋادرات سانتىمېتىر كېلىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كۈنىگە تەخمىنەن 100 دانە ئەتراپىدا ھۈجەيرە ئۆلىدىغان بولۇپ، ئادەم مېڭىنى ئىشلەتمىگەنسېرى ئۆلىدىغان ھۈجەيرىنىڭ سانى شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. ئادەتتە، بىر ئادەم مېڭىسىنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئىسكىلاتى تەخمىنەن 10 مىليون پارچە كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدىكەن. چوڭ مېڭىنىڭ %80 تى سۇدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇ ئادەم تەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %2 نى ئىگىلەيدىكەن. 

ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي تەجرىبىلەر داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ئىلمىي يەكۈنلەر. چوڭ مېڭىنىڭ كىشى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى ھەممىگە كىشىگە يادا بولۇپ كەتكەن. «چوڭ مېڭە» دەپ ئىلمىي ئاتاشنى بىلمىگەن كىشىلەرمۇ ئادەم «بېشى» ياكى «كاللىسى» نىڭ قانداق ئەزا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەم ھاياتىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئارىدا «كاللىسى ئىشلىمەيدىغان»، «قاپاقۋاش» دېگەندەك ئىبارىلەر تارقالغان، ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. 

ئەمدى تۆۋەندە كۆرىدىغىنىمىز دەل مۇشۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئىلھامىدىن مەيدانغا كەلگەن لايىھە. ئادەتتە، بىز كارتون كىتابلاردا لامپۇچكىلارنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى كۆرگەن. ئادەتتىكى لامپۇچكىلارنىڭ شەكىللىرىمۇ كۆپ. بۇ خىل لامپۇچكىلارنىڭ ھالىتى چوڭ مېڭە شەكلىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ قارىماققا خۇددى چوڭ مېڭىدەكلا كۆرۈنىدۇ. لايىھىلەش ئۇستىسى ئۆزنىڭ چوڭ مېڭىدىن ئالغان يارقىن ئىلھامى بىلەن لامپۇچكىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ خىل ئۆزگىچە ھالەت بىزگە يېڭىچە تەپەككۇر تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى