ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى يۈرەك كېسىلىنى قوزغايدۇ
تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە ،يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بىر ھەپتە ئىچىدە ياللۇغىنى قايتۇرىدىغان ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا ،يۈرەك كېسەلىنىڭ قايتا قوزغلىش خەتىرى %45 يۇقىرلايدىكەن ،ئۈچ ئاي ئىچىدە يۈرەك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىش خەتىرى %55 ئاشىدىكەن .
ناۋادا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇ خىل دورىلارنى چوقۇم ئىشلەتمەكچى بولسا ،ئېنتايىن ئاز مېقداردا ئىشلىتىشى كېرەك .دورىنى ئېستىمال قىلىش مۇددىتى قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى .
غەيرى سېرول تىپدىكى ياللۇغ قايتۇردىغان ئاغرىق توختىتىش دورىسىنىڭ تەركىبىدە بەزى تەركىبلەر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدىكەن .يۈرەك كېسىلى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلار يۈرەككە زىيان يەتمەسلىكى ئۈچۈن ،بۇ تەركىبلىك ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى قەتئى ئېستىمال قىلماسلىق كېرەك .