ساغلاملىق

قان ئازلىق

قان ئازلىق

قان ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى، كىشىلەر دائىم قىپقىزىل قاننى ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ. ھالبۇكى ۋىتامىننىڭ قاننىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ نورمال رولىنى جارى قىلدۇرۇشى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار. 

ئادەم بەدىنىنىڭ قان يىلىكتىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا ھاسىل قىلىنىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ۋىتامىن كەمچىل بولسا، يىلىكتىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ ياكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئىنتايىن زەئىپلىشىپ، ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ-دە، ھەرخىل قان ئازلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 

شۇنىڭ بىلەن، قان ئازلىق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىپ، قان قىزىل ماددىسىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە باش قېيىش، كالپۇكى ئاقىرىش، بەدەن ئاجىزلىشىش، ھەتتا قاتتىق مۈگدەك بېسىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا يەنە نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، زېھىن كۈچى ئاجىزلاش ۋە جىگەر، تال ئىششىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. 

قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئوزۇقلىنىش ناچارلىقتىن بولغان قان ئازلىق: كۆپىنچە يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلاردا ياكى ئۇزۇن مەزگىل ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەردە كۆرۈلىدۇ. بىماردا باش قېيىش، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز تورلىشىش، چارچاش، چاچ قۇرغاقلىشىپ چۈشۈش قاتارلىق ئادەتتىكى قان ئازلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن باشقا، يەنە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىچ سۈرۈش، ئېغىز يارىسى، تىل ياللۇغى قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ بىللە پەيدا بولىدۇ.

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق: ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئالامەتلىرى ئوزۇقلىنىش ناچارلىقتىن بولغان قان ئازلىقنىڭكىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدۇ، بۇنى چاچتىكى مىكرو ئېلېمېنتلارنى ئۆلچەش ئارقىلىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

قان يوقىتىشتىن كېيىنكى قان ئازلىق: كۆپىنچە ھەرخىل جىددىي قان يوقىتىشتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ، ئەگەر قۇتۇلدۇرۇش ئۆز ۋاقتىدا بولمىسا، زىيادە كۆپ قان يوقىتىش سەۋەبىدىن شوك بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشلىق قان ئازلىق: بۇ يىلىكنىڭ قان ئىشلەش مېخانىزمىدا توسالغۇ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قان ئازلىقتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا ئادەتتىكى قان ئازلىقنىڭ ئالامەتلىرى بولغاندىن باشقا، يەنە دائىم تېرە ئاستى ياكى شىللىق پەردىسى قاناش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. يەنە سوغۇقتىن قورقۇش ۋە قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

قان ئېرىشچان قان ئازلىق: كۆپىنچە بەزى يۇقۇملىنىشلار، دورىدىن زەھەرلىنىش ياكى كانىماش ئىستىمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، بىماردا قان ئازلىق پەيدىنپەي ھالدا ئېغىرلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.

دېڭىز قان ئازلىق: بۇ يەنە ئوتتۇرا دېڭىز قان ئازلىقى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك قان ئازلىقتىن ئىبارەت. بۇ كېسەللىكنىڭ ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئالامەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يەڭگىلرەكلەردە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن؛ ئېغىرراقلاردا ئىنكاسى سۇسلىشىش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تەكرار قىزىيدۇ، جىگەر ۋە تال ئىششىيدۇ، كېسەلدە ئاخىرقى مەزگىلدە كۆپىنچە ئېغىر ھالدا يۈرەك كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ. 

قان ئازلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندە، ئالدى بىلەن ئىشنى تۇرمۇش مەشغۇلاتىنى قانۇنىيەتلىك تەڭشەشتىن باشلاش، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزماسلىق لازىم؛ ئاندىن قالسا يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان تۆمۈرنى تولۇقلىغاندىن باشقا، ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش لازىم. 

بۇنىڭدىن باشقا، قان ئازلىققا گىرىپتار بولغاندا چاي ۋە قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىش لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتا تۆمۈرنىڭ بەدەنگە شۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق مىجەزنى ساقلاپ قالغاندا، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق بولغاندىن باشقا، قان ئىشلەش فۇنكىسىيىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ. مۇۋاپىق چېنىقىپ بەرگەندە بەدەن ساپاسىنى ياخشىلاپ، ساغلام بەدەن بولغىلى بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا

ۋىتامىن B6، ۋىتامىن B12، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، يوپۇرماق كىسلاتاسى، تۆمۈر.

كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

موگۇ، مور، زەنجىۋىل، يېشىل يوپۇرماق كۆكتاتلار، جۈخارگۈل، قۇرتئوت، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، ھايۋانلار ۋە قۇشلارنىڭ گۆشلىرى، بېلىق، جىگەر، كۈنجۈت، سۇلۇ، قىزىل پۇرچاق، كانىماش، قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلار…

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى