يۈرەك كېسىلىنىڭ بېشارەتلىرى
يۈرەك كېسىلىنىڭ بېشارەتلىرى
1. دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
2. يۈرىكى سىقىلىدۇ ( تومۇر سوقۇشى نورمالسىزلىشىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ).
3. مەيدىسى بېسىلغاندەك ياكى ئاغرىغاندەك سېزىلىدۇ.
4. گېلىنى بىر نەرسە بوغۇۋاتقاندەك بىر خىل يېقىمسىزلىق ھېس قىلىدۇ.
5. چىش ئاغرىمىسىمۇ ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
6. قوۋۇرغىنىڭ ئاستى ئاغرىيدۇ.
7. كۆكرىكىنىڭ سول تەرىپى ئاغرىش بىلەن كەيپسىزلىك ھېس قىلىدۇ.
8. كۆزلىرى تورلىشىدۇ.
9. تاماكا چەككەندە، تويۇقسىز سوغۇققا چىققاندا ياكى تۇيۇقسىز ھەرىكەتلەنگەندە يۇقىرىدىكى 1-دىن 3- گىچە بولغان ئالامەتلەرنىڭ مەلۇم بىر خىلى كۆرۈلىدۇ.
10. سوغۇق تەرلەيدۇ ۋە پەرىشان بولىدۇ.
11. سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشالمىغاندا 15~20 مىنۇت يۈرىكى سالىدۇ ۋە دىمى سىقىلىدۇ.
12. پۈتۈن ئەزايى ماغدۇرسىزلانغاندەك ھېس قىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە جىددىيلىشىپ كەتمەستىن، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلىتىش لازىم.