ھەرىكەت قىلغاندا باش ئاغرىش يۈرەك كېسىلىدىن بېشارەت بولۇشى مۇمكىن
ھەرىكەت قىلغاندا باش ئاغرىش يۈرەك كېسىلىدىن بېشارەت بولۇشى مۇمكىن
ھەرىكەت قىلغاندا دائىم بېشى ئاغرىيدىغان، ئەمما سەل دەم ئالغاندىن كېيىن يەنە ئۆز ئەسلىگە كېلىدىغانلار ئاسانلىقچە سەزگىلى بولمايدىغان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ خۇلاسىنى يېقىندا خەلقئارا پەن-تەتقىقات گۇرۇپپىسى چىقارغان. ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئاز ساندىكى بىر قىسىم بىمارلارنىڭ يۈرەك كېسىلى تۇتقاندا كۆكسىدە باشقىچە بىرەر ئالامەت كۆرۈلمىسىمۇ، بېشىدا بىئاراملىق پەيدا بولىدىكەن. جىددىي ھەرىكەت قىلىشتىن يۈرەك كېسىلى كېلىپ چىققانلىقتىن، ھەرىكەت قىلغاندا باش ئاغرىقى پەيدا بولىدىكەن، بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن يۈرەك كېسىلى توختاپ باش ئاغرىش ئالامىتىمۇ غايىب بولىدىكەن، مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان بىمارلارغا يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەرگەن.