ساغلاملىق

ئاچ قورساق قاندىكى ماينى تەكشۈرتۈشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

سىز قاندىكى ماينى تەكشۈرتمەكچى بولسىڭىز قان ئالىدىغان شۇ كۈنى ئەتىگەنلىك تاماق يېمەسلىكىڭىز ھەم 12 سائەتكىچە بىرنېمە يېمەسلىكىڭىز كېرەك. مەسىلەن: ئەتىگەن سائەت 8 دە قان ئالماقچى بولسا، ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت 6 دىن كېيىن ھېچنىمە يېمەيسىز. چۈنكى ساغلام ئادەم ئوزۇقلانغاندىن كېيىن قان زەردابىدىكى ترىگلىتسېرىدنىڭ سەۋىيىسى 9-12 سائەتكىچە داۋاملىق ئۆرلەش سەۋىيىسىدە تۇرىدۇ. ئەگەر مايلىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، سېمىز گۆش، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى يېگەن بولسا قاندا خىلۇس زەررىچىلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قان ئالسا قان دۇغ ھالەتتە بولىدۇ. ئەگەر قان زەردابىدىكى ترىگلىتسېرىدنى ئۆلچىسە، قۇيۇقلۇقىمۇ ئاچ قورساق ۋاقىتتىكىدىن بىرنەچچە ھەسسە ھەتتا ئون نەچچە ھەسسە يۇقىرى چىقىپ ئوڭايلا خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ. 12 سائەت قورساقنى ئاچ قويغاندا قاندىكى ماي ئاقسىلى نورماللىشىدۇ. ماي ئاقسىلى لىپازا مايلارنى ئۈزۈل-كېسىل ھىدرولىزلايدۇ (پارچىلايدۇ). قاندىكى ماي ئاچ قورساق ۋاقىتتا ئاساسىي سەۋىيىگە يېتىدۇ. بىراق ماي مېتابولىزمى نورمالسىز بولسا، قاندىكى ماي تەركىبلىرى ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى ئاساسىي سەۋىيىدىن يۇقىرراق چىقىدۇ. شۇڭا بىر قەدەر توغرا قاندىكى ماينى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم 12 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا ھېچنىمە يېمەسلىك كېرەك. 

قان ئېلىشتىن بۇرۇن ئەسلىدىكى ئوزۇقلىنىش شەكلىنى ئاز بولغاندا ئىككى ھەپتىدەك ساقلىشى كېرەك. 

ئۈچ كۈن ئىچىدە يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، 24 سائەت ئىچىدە ھاراق ئىچمەسلىك ھەم ئىمكانقەدەر بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىشى كېرەك. ئەگەر قان ئېلىشتىن بۇرۇن يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى خولېستېرىنلىق، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى ئارتۇق مىقداردا ئىستېمال قىلغان ياكى مەقسەتلىك ئۈچ كۈن گۆشسىز تاماق يېسە، ئۆلچىگەندىكى نەتىچە ھەقىقىي سەۋىيىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. 

قاندىكى ماينى تەكشۈرتۈشتە فىزىئولوگىيىلىك، پاتولوگىيىلىك بىرقەدەر تۇراقلىق بولغان ئەھۋالدا قان ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. كەم دېگەندە قان ئېلىشتىن 4-6 ھەپتە بۇرۇن جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چۈنكى جىددىي يۇقۇملىنىش، زەخىملىنىش، ھامىلدارلىق، ئادەت كۆرۈش مەزگىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاندىكى ماي ۋە قان ئاقسىلىنىڭ مىقدارىغا تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ئىمكانقەدەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا قاندىكى ماينى تەكشۈرتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

قان ئېلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى قاندىكى مايغا تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى (مەسىلەن، قاندىكى ماينى تەڭشىگۈچى دورىلار، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى، مەلۇم بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، ھورمۇن قاتارلىقلار) بىرنەچچە كۈن ياكى بىرنەچچە ھەپتە توختىتىش كېرەك. بولمىسا دورا ئىشلىتىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىسە بولىدۇ. 

5-10 مىنۇت تىنچ تۇرغاندىن كېيىن قان ئېلىش كېرەك. چۈنكى جىددىي ھەرىكەت قاندىكى مايغا بەلگىلىك تەسىر قىلىدۇ. 

ئەگەر تەكشۈرۈش تەتىجىسى پايدىلىنىش نەتىجىسىگە يېقىنلاشسا ياكى ئېشىپ كەتسە، بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، يەنە شۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتىدىن قان ئالدۇرۇپ تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا لابوراتورىيىلىك خاتالىقتىن ياكى يەككە تەندىكى ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بىنورمال ئەھۋاللارنى ئىمكانقەدەر ئازايتقىلى ياكى ساقلانغىلى بولىدۇ. قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم ەقىلىشتىن ياكى ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتىن بۇرۇن، ئەڭ كەم دېگەندە ئىككى قېتىملىق قاندىكى ماينى تەكشۈرۈش خاتىرىسى بولۇشى كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى