ساغلاملىق

قايسى خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك ؟

باش قېيىش : بەزىلەر بېشىنىڭ دائىم قايىدىغانلىقىنى دەيدۇ، بىراق كۆپ قېتىم تەكشۈرتۈپمۇ سەۋەبىنى تاپالمايدۇ. قان تەكشۈرتكەندىن كېيىن قاندىكى ماينىڭ نورمال قىممەتتىن يۇقىرى چىققانلىقى بايقىلىدۇ. باش قېيىشنى دەل مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىشى، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ئوكسېگېن يېتىشمەسلىك پەيدا قىلىدۇ. 

نەرسىلەر غۇۋا كۆرۈنۈش: 45 ياشتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، كۆز بۆلۈمدە كۆرۈۈشتىن سىرت، يەنە قاندىكى ماينى تەكشۈرتۈشى كېرەك. چۈنكى، قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى بولسا، كۆپ مىقداردىكى ماي ئاقسىلى قىلقان تومۇرلاردىن سىرغىپ چىقىپ كۆرۈش سېرىق نۇقتىسىغا بۆسۈپ كىرىدۇ ياكى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى قاندىكى ماي ئاكتىپلاشتۇرغان قان پلاستىنكىلىرى كۆز ئىچى مەركىزىدىكى ۋېنادا قان نۆكچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇلار كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ. 

سېرىق ئۆسمە: ئالدىدا تەپسىلىي سۆزلەندى. 

پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيۇشۇش: ئاساسلىقى پۇت-قوللار ئارتېرىيىسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى پۇت-قوللاردا ئۇزۇن مەزگىل قان، ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

قورساق ئاغرىش: بۇ يەردە بوۋاق، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈستۈنكى قورساق قىسمىنىڭ تەكرار قوزغىلىدىغان ئاغرىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز. چۈنكى بۇ خىل قورساق ئاغرىقىنى كۆپىنچە قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئۇيقۇلۇق ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ، بايقالغان ھامان دەرھال داۋالىنىش كېرەك. 

يەنە بىر خىل قورساق ئاغرىقى قۇرامىغا يەتكەنلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان قىسقا ۋاقىتلىق قورساق ئاغرىقى بولۇپ، ئاساسلىقى قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلى ئاشقازان-ئۈچەي تۇتاش پەردە ئارتېرىيىلىرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەيلەرگە قان يېتىشمەي، ئۇلارنىڭ سىپازمىلىنىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. 

باشقىلار :   ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەكسە كۆكرەك قىسىم بىئارام بولۇش، نەپەس قىسىلىش، يۆتەل، زىققە ھەتتا لەۋ، يۈز قىسىم كۆكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يېشى 50 دىن ئاشقان ئەرلەر نەپەس يولى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە كۆرۈنۈشتىن سىرت يەنە قاندىكى ماينى تەكشۈرتۈشى كېرەك. چۈنكى قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلى تاماكا چېكىشنىڭ تەسىرىدىن ناھايىتى ئوڭايلا ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ. كاناي ياكى ئۆپكە قىسىم ئارتېرىيىلىرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، يۇقىرىقىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى