يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى
گېرمانىيە يۈرەك كېسىلى فوندى جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى بىر پارچە دوكلاتىدا، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالامەتلىرى قىسقىچە بايان قىلىنغان:
1. كۆكرەك بوشلۇقى داۋاملىق ئاغرىيدۇ، ھەمدە ئاغرىق ئىككى بىلەك، قورساق، تارغاق ئارىلىقى ۋە تاڭلايغىچە تارقىلىدۇ. كۆكرەك بوشلۇقى بىر خىل كۆيۈپ ئاغرىغاندەك سېزىلىدۇ، بويۇن ياكى قورساق ئۈستۈنكى قىسمىدىمۇ ئاغرىق پەيدا بولىدۇ.
2. كۆكرەك بوشلۇقىدا بىر خىل كۈچلۈك سىقىلىش سېزىمى بولىدۇ.
3. يۈزى تاتىرىدۇ، پېشانە، ئۈستۈنكى كالپۇك، ھەتتا پۈتۈن يۈزدىن سوغۇق تەر چىقىدۇ.
4. نەپەس قىيىنلىشىپ، ئولتۇرالمايدىغان، ياتالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
5. تۇيۇقسىز ھالىدىن كېتىدۇ، لېكىن ئەس-ھوشىنى يوقاتمايدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر 15-30 مىنۇتقىچە ئەسلىگە كەلمىسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش كېرەك.